خىزمەت ئەترىتى ياردەمگە كەلدى، سانجى شەھىرى سەنگۇڭ كەنتىدىكى شاپتۇللار ياخشى سېتىلدى

日期:2019年07月15日
来源:天山网
【字体:

ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يېڭى شاپتۇللارنى سېتىۋالماقتا. (لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)

ھازىر، دەل شاپتۇللارمەي باغلاپ پىشىدىغان پەسىل، سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرىئەرگۇڭ كەنتىدىكىتۇتاش كەتكەن شاپتۇلزارلىقتامەي باغلاپ پىشقان شاپتۇللار كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى، بۇ يەرگە شاپتۇل ئۈزۈشكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغىئۈزۈلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر سانجى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ شاپتۇل ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى.

«17 مو شاپتۇللۇقىمىزدازاۋلۇ، سېرىق ئەنجۈر شاپتۇل، رۈيپەن، يىڭگىر قاتارلىق ئون نەچچە خىل سورت بار، پىشىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تاكى جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىگىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە شاپتۇللار پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ ۋەساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ» دېدى ئېرگۇڭ كەنتىدىكى شاپتۇلچى دېھقان ئەن جياڭجياڭ.

ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ قۇمساڭ تۇپرىقى شاپتۇلئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. سانجى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەجرىبىلىك دېھقانلارنى تېرىقچىلىق بىلەن يېڭىدىن شۇغۇللانغانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن قولمۇ-قوليېتەكچىلىك قىلىشقا، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ شاپتۇل كۆچىتى ئۆستۈرۈش كۆلىمى مىڭ موغا يېتىپ، پەرۋىش جەريانىدا ئورگانىك بىيولوگىيەلىك ئوغۇت ۋە سېلېن ئوغۇتى ئىشلىتىلدى، يېشىل تېرىقچىلىق، ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، مو بېشى كىرىمى ئىلگىرىكى 2000 نەچچە يۈەندىن ئۆسۈپ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

پىشىش، ئۈزۈش مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى خادىملارنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈش، قاچىلاش، توشۇشتا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى پائال چارە تېپىپ، بازار ئېچىپ، سېتىش يولى ئىزدەپ، «ئەرگۇڭ كەنتى ئۈزۈش بېغى» يان تېلېفون مۇزىكىلىق قوڭغۇراق كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېچىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ «ئېلان» تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك شاپتۇلىنى تېتىتتى. ھازىر، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ شاپتۇللىرى سانجى ۋە ئۈرۈمچىگە سېتىلغاندىن باشقا، يىراقتا خېنەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلماقتا.

ئەرگۇڭ كەنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما شىجۈن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ مېۋە-چېۋە ماركىسىنى يارىتىپ، دېھقانلارنى ‹بىر يۈرۈش› ياردەم بېرىش، يۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىش يولىغا باشلايمىز.»