شايار ناھىيەسى: لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

日期:2019年07月06日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، شايار ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزسى بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىنئەترەت باشلىقى ھۈسەن تۇردى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، نامرات ئائىلە رابىيەم زاھىتقا لازا ئۈزۈشۈپبەردى.

رابىيەم زاھىت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«خىزمەت ئەترىتى ماڭا پارنىكنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگەتتى، يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ خېرىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى، ھازىر لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يامان ئەمەس، مۆلچەرىمچە بۇ يىل لازادىنلا5000~6000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن.»

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى، خىزمەت ئەترىتى ئاكتىپلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاراندىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىرىنىڭ كۆكتات يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە كۆكتات سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىنئەترەت باشلىقى ھۈسەن تۇردى.