كۇچا ناھىيەسى : باغقا لىق تولغان يېشىللىقنى توسقىلى بولمايدۇ، قىچا گۈلى ئېچىلىپ خۇش پۇراقلىرىنى ھەرتەرەپكە چاچتى

日期:2019年06月06日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا، ئاپتور كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزسىنىڭ يانئېرىق كەنتىدىكى نەشپۈتلۈككە كىرگىنىدە، كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان قىچا گۈلى خۇش ھىدىنىڭ باغنى بىر ئالغانلىقىنى، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ گۈل شىرنىسى يىغىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بولسا نەشپۈت دەرەخلىرىنى چاتاش بىلەن ىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ ادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىنىڭ يانئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نامرات ئائىلىلەرنى 75 مو نەشپۈتلۈككە قىچا كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارغا بۇنىڭ ھەم يەرنىڭ ئاساسىي ئوغۇتىنى ئاشۇرىدىغانلىقتىن، نەشپۈتلەرنىڭ چوڭ ھەم تاتلىق پىشىپ، كىرىم ياخشى بولىدىغانلىقىنى، يەنە كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

«نەشپۈتلۈككە قىچا كىرىشتۈرۈپ تېرىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ دورا چېچىش ، چاتاش قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئائىلىمىزنىڭ ئۈچ مو نەشپۈتلۈكىدە بۇ يىل مېۋە كۆپ چۈشتى، كىرىمىمىز چوقۇم ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تۆھپىسى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى نامرات ئاھالە ئىمىن كادىر.

يانئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى راخمان سىيىت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كوپىراتىپ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى تۈزۈشكە پائال ماسلاشتۇردى ،14 نامرات ئائىلىنىڭ باغۋەنچىلىك كىرىمى 450 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۆلچەرلەندى .

(خەۋەرنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جاڭ شاۋلى تەمىنلىدى)