مېھىر - شەپقەت ئۇرۇقىنى چېچىش  چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش

− قاغىلىق ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ئوتتۇرا قايچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ يۇڭ توغرىسىدا

日期:2019年05月24日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسى ئوتتۇرا قايچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇسۇتۇرا ئاۋۇت ئىشىكى ئالدىدا ئۇياق - بۇياققا نەزەر سېلىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق سىيمانىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇشىنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، قاغىلىق ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ئوتتۇرا قايچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ يۇڭنىڭ چوڭ - چوڭ قەدەم ئېلىپ ئۆيىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«سىزنى بىر كۈن كۆرمىسەم، خۇددى بىر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلىدىكەنمەن، تېز كىرىپ بىر پىيالە ئىسسىق چاي ئىچىۋېلىڭ» دېدى 80 ياشلىق نۇسۇتۇرا ۋاڭ يۇڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ. نۇسۇتۇرا تۇنجى قېتىم ۋاڭ يۇڭنى كۆرگەندە بۇنچە قىزغىن ئەمەس ئىدى.

2017- يىلى كەنتتە تۇرۇش باشلانغاندا، نۇسۇتۇرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتى بولدى.

دەسلەپتە، ۋاڭ يۇڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ نۇسۇتۇرانىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، بوۋاي بىر چەتتە ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانىدى. «تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغاندا، نۇسۇتۇرانى گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدىغاندەك ھېس قىلغانىدىم، كېيىن مەن يەنە بىرقانچە قېتىم بېرىپ، ئۇنىڭ يەنىلا ئانچە گەپ قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.» ۋاڭ يۇڭنىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈسى بار ئىدى.

ۋاڭ يۇڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، نۇسۇتۇرانىڭ ياش ۋاقتىدا سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇزاق مەزگىل كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن ئانچە ئالاقە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مىجەزىنىڭمۇ بارغانسېرى كاجلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ئۆيىگە «بېكىنىۋېلىپ» سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، باشقىلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئاندا - ساندا سىرتلارغا چىققاندىمۇ باشقىلارغا چىراي ئاچمايدىغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدى.

«پەقەت چىن يۈرەكتىن مۇئامىلە قىلسىلا، مۇز تاغمۇ ئېرىيدۇ.» ۋاڭ يۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نۇسۇتۇراغا «يېقىنچىلىق» قىلىپ، بەزىدە ئۇنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى تازىلاپ بەرسە، بەزىدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ، تامىقىنى ئېتىشىپ بەردى. «ئەر - خوتۇن ئىككىڭلار ياشىنىپ قاپسىلەر، يالغۇز قىزىڭلارمۇ ياتلىق بوپتۇ، يېنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدىغان بالاڭلار يوق ئىكەن، مېنى ئوغلىڭىز دەپ بىلىڭ، مەن چوقۇم ھالىڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن» دەيتتى ۋاڭ يۇڭ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن.

ۋاڭ يۇڭ نۇسۇتۇرانىڭ دائىم ھويلا تېمىغا قاراپ خىيال سۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئەسلىدە ھويلا تېمى كونىراپ كەتكەنىدى. بوۋاينىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ يۇڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرىنى باشلاپ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ھويلا تېمىنى ئوڭشاپ بەردى.

ئەينى چاغ دەل تومۇز ئىسسىق مەزگىلى ئىدى، ھەممىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇسۇتۇرا لۆڭگە بىلەن ۋاڭ يۇڭنىڭ پېشانىسىدىكى تەرىنى سۈرتكەچ مۇنداق دېدى: «بالام، ياخشى بالام، سەن مەن ئويلىغاننى ئويلاپ، ماڭا تۇغقىنىڭدەك مۇئامىلە قىلدىڭ، سەنمۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىم.» شۇ پەيتتە، نۇسۇتۇرانىڭ يۈرىكى ئېرىپلا كەتكەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇسۇتۇرا ھەركۈنى ئۆيلىرىنى پاكىز تازىلايدىغان بولدى، مىجەزىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆرگەندە ھەمىشە قىزغىن سالاملىشىدىغان بولدى، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغان بولدى، كەنتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىكروفوننى ئېلىپ نەچچە ئېغىز سۆزمۇ قىلىدىغان بولدى.

كەنت ئاھالىسى تۇنسا تۇردى ۋاڭ يۇڭنىڭ يەنە بىر ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر تۇنسانى كۆرگەندە، ئۇ ئىككى قولتۇق ھاسىسىغا تايىنىپ ھويلىسىدىكى كۆكتاتلىقتا پەمىدۇر ئۈزۈۋاتاتتى.

70 ياشلىق تۇنسا ئىگە - چاقىسىز موماي بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن ئۇزاق مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. ۋاڭ يۇڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۇنسانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. تۇنسانىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋاڭ يۇڭ قاغىلىق ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتتى، ھەركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قان بېسىمىنى ئۆلچىدى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئۇزاق مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، تۇنسانىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە كۆرپە يارىسى بار ئىدى، ۋاڭ يۇڭ ھەر كۈنى ئۇنىڭ پۇتىنى پاكىز يۇيۇپ، دورا سۈرتۈپ قويدى. ۋاڭ يۇڭ يەنە كەنت كادىرلىرى بىلەن ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۇنسانىڭ ئۆيىنىڭ ئىچى - سىرتىنى بىر قېتىم تازىلاپ، يېڭى يوتقان - كۆرپە، كىرلىك ئالماشتۇردى، يەنە ھويلىغا گۈل، كۆكتاتلارنى تېرىدى، ئىلگىرىكى قالايمىقان ھويلا يېڭى تۈسكە كىردى.

ۋاڭ يۇڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن، تۇنسانىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، دائىم غەمكىن يۈرىدىغان موماي ئوچۇق - يورۇق بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇنسانىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ۋاڭ يۇڭ ماڭا ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، پارتىيە ئەۋەتكەن ياخشى كادىرغا رەھمەت» دېدى تۇنسا مىننەتدارلىق بىلەن.

كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ۋاڭ يۇڭ ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇپ، ھەربىر ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

«مېھىر - شەپقەت ئۇرۇقىنى چاچقاندىلا، چىن مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى مېنى بەختكە چۆمدۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى ۋاڭ يۇڭ.