«كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ ئەڭ زور شان - شەرىپىم»

− جىمىسار ناھىيەلىك مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما چاڭۋېن توغرىسىدا

日期:2019年05月20日
来源:新疆日报
【字体:

■ھېسسىيات ئارىلىشىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ، شۇنداقلا چىن كۆڭۈلدىن ئالماشتۇرۇشتىن كېلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئورناتقان ھېسسىيات مېنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمدىكى ئەڭ زور ھاسىلاتىم، كەنت ئاھالىلىرىگە ئاز - تولا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ ئەڭ زور شان - شەرىپىم.

■پەقەت ھەقىقىي تۈردە كىبىرىنى تاشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، كەنتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز زىممىسىدىكى ئىش دەپ بىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

«ما شۇجى، چۈشتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭ.» «مەنمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە باراي دەپ تۇرغانىدىم»...

5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئائىلە زىيارىتى قىلىشقا تەمشىلىپ تۇرۇۋاتقان ما چاڭۋېن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشىغىلا كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شۇبىڭدىن تېلېفون كەلدى.

«<جىمىغۇر> ۋاڭ شۇبىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىگە مېھمان چاقىرىپتۇ، يەنىلا ما شۇجىنىڭ ئامالى بار ئىكەن!» ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ لېي ما چاڭۋېنغا قاراپ باش بارمىقىنى چىقاردى.

بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ما چاڭۋېن جىمىسار ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى ليۇخۇدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كەنتتە تۇرۇشتىن ئىلگىرى جىمىسار ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغانلىقتىن، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «ما شۇجى» دەپ چاقىراتتى.

■چىن قەلب بىلەن چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىش

چۈش بولغاندا، ما چاڭۋېن دېيىشىپ قويغىنى بويىچە ۋاڭ شۇبىڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ ۋاڭ شۇبىڭنىڭ كۈندە مىنىۋالىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھويلا ئىچىگە ھەيدەپ ئەكىرىپ قويماقچى بولدى، لېكىن توك مەنبە ئۈزچاتىنى بىر نەچچە قېتىم باسقان بولسىمۇ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.

«ما شۇجى، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىمنىڭ ديەنپىڭى بۇزۇلۇپ قاپتۇ، كارىڭىز بولمىسۇن» دېدى ئىشىك ئالدىغا كۈتۈۋېلىشقا چىققان ۋاڭ شۇبىڭ. «بۇ قانداق بولغىنى، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت سىزنىڭ <پۇتىڭىز> تۇرسا، مەن ھازىرلا بېرىپ سىزگە يېڭى ديەنپىڭ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرەي» ما چاڭۋېن شۇنداق دېگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا كەنتتىكى رېمونتخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى...

ما چاڭۋېننىڭ مۇشۇنداق كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقى ۋاڭ شۇبىڭنىڭ قەلب ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇنى باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان، تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىشلارغا دادىل يۈزلىنىدىغان قىلغانىدى.

ئالتە يىل ئىلگىرى، ۋاڭ شۇبىڭ تاسادىپىي ھادىسىدە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالدى، بىر مەھەل ئۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي، جىمىغۇرلىشىپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ما چاڭۋېن ليۇخۇدى كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ شۇبىڭنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەددىنى قايتا رۇسلىشىغا ياردەم بېرىشكە بەل باغلىدى.

1- قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدىن باشلاپ، ما چاڭۋېن نەچچە كۈندە بىر قېتىم ۋاڭ شۇبىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولسا ياردەملەشتى، بوش ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. بارا - بارا، ۋاڭ شۇبىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ بۇ ئاكىسىنى ئېتىراپ قىلدى.

«ھېسسىيات ئارىلىشىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ، شۇنداقلا چىن كۆڭۈلدىن ئالماشتۇرۇشتىن كېلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئورناتقان ھېسسىيات مېنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمدىكى ئەڭ زور ھاسىلاتىم، كەنت ئاھالىلىرىگە ئاز - تولا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ ئەڭ زور شان - شەرىپىم.» بۇ ما چاڭۋېن دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز.

■جان - دىل بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

2014- يىلى، ئاپتونوم رايون «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، ما چاڭۋېن تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەترەت ئەزالىرى قايتا - قايتا ئالماشتى، ما چاڭۋېننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئەرگۇڭ بازىرىدا تۆت كەنتكە يۆتكەلدى، بىراق ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

ھەر قېتىم تەتىلدە قايتىپ كەلگەندە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شۆ خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ما چاڭۋېننى يوقلاپ تۇراتتى، چۈنكى ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ قىزنىڭ داشۆدە ئوقۇش خىراجىتىگە «ما شۇجى»نىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن كارخانا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەنىدى.

تۆت يىل ئىلگىرىكى ئوت ئاپىتى كۆرۈنۈشى تۇگۇڭ كوچىسى شىسۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋۇ جيەنجۈننىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ. ئۇ كۈنى، ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەندە، ما چاڭۋېن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالدى. كېيىن، «ما شۇجى» يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ئۆيىنى ئاقارتىپ بەردى، يېڭى ئۆي جاھازىلىرىنى ئېلىشىغا ياردەم بەردى.

دۇڭگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فېڭ يۈخۈي 2015- يىلى 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى شىۋىرغاننى ھازىرغىچە ئەستىن چىقارمايدۇ. ئۇ كۈنى سەھەردە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەككىز كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىنىڭ يوپۇقى بوراندا ئېچىلىپ كەتتى، مايسا يېتىشتۈرگۈچى دېھقانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ما چاڭۋېن بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى يېتىپ كېلىپ، دەرھال پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈردى...

ما چاڭۋېن تۇرغان كەنتتە، كەنت ئاھالىلىرىدىن ئۇنى «ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە كۆڭلى يېقىن ياخشى كادىر» دەپ ماختىمايدىغىنى يوق.

■داۋاملىق كەنتتە تۇرۇپ ئىشلەش

بۇ جەرياندا، ما چاڭۋېنمۇ نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پەقەت ھەقىقىي تۈردە كىبىرىنى تاشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدەك كۆرۈپ، كەنتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز زىممىسىدىكى ئىش دەپ بىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

2018- يىلى يىل بېشىدا، بەلگىلىمە بويىچە، 60 ياشقا كىرگەن ما چاڭۋېن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، ئۆيىگە قايتىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولسا بولاتتى، لېكىن، ئۇ كەنتتە داۋاملىق تۇرۇشنى قارار قىلدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ما چاڭۋېن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم جىمىسار ناھىيەسى بويىچە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى، ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭدىن: «بۇ يىل يەنە كەنتتە تۇرامسىز؟ جاپالىق ئەمەسمۇ، ھارمىدىڭىزمۇ، ئائىلىڭىزنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ھەمىشە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ناھايىتى مەنىلىك، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئامما مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشايدۇ، بىز ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز، ھەم ناھايىتى خۇشال ئۆتىمىز».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ما چاڭۋېن مۇنداق دېدى: مەن پېشقەدەملىك رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يېڭى يېزىنى ياخشى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.