كەنت ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كەلدى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى بار بولدى

− ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى ئاغارسىن بازىرى ئاقتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

日期:2019年05月16日
来源:新疆日报
【字体:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىپ كارىمىز بولمامدۇ؟ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى ئاغارسىن بازىرى ئاقتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ جاۋابى شۇكى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنتروھنى ئۇرغۇتتى

ئاقتام كەنتى ئىلگىرى نامرات كەنت بولۇپ، 2017- يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان.

لېكىن، ئاقتام كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى يەككە، ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى قانداق قىلىپ مۇستەھكەملەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە بولدى.

2018- يىلى، ئاقتام كەنتىنىڭ ئاساسەن كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى يوق تىپىك «پۇچەك كەنت» بولۇشتەك ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىزمەت ئەترىتى «ئۈچ مۈلۈك»نى ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى جەمئىي 1 مىليون يۈەن ئاشۇردى.

كەنت كوللېكتىپىنىڭ پۇلى بار بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە، ئالدى بىلەن كىرىمنىڭ %70ىنى كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى.

كەنتتىكى ئۈچ پارچە تاقىر يەرگە 7000 تۈپ كۆكەرتىش كۆچىتى تىكتى، 1300 كىۋادرات مېتىر چىم ياتقۇزدى ھەم يانداشتۇرۇپ 5000 مېتىر پۈركۈپ سۇغىرىش (تېمىتىپ سۇغىرىش) تۇرۇبىسى ئورناتتى... مۇھىت گۈزەللەشتى؛ كەنت ئىككى قەلبداشلار كۆۋرۈكى سالدى، 20 كىلومېتىرغا يېقىن ئاسفالت يول ياسىدى... يول يۈرۈش قولايلاشتى؛ خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن باشلاپ قول سېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.

ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى گۈلنۇر ئەكبەرقان بىر ھەپتىلىك خىزمەتلەردە بايقالغان مەسىلىلەرنى خۇلاسىلىگەندە، بەزىلەرنىڭ يۈزى قىزاردى، بەزىلەرنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى، نېمىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەكلىكى، نېمىدىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى كەنت ئاھالىلىرىمۇ بىر قاراپلا بىلىۋالدى، كەنت قىياپىتىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئاقتام كەنتىگە كەلسىڭىز، كۆك ئاسمان تېگىدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزىل ئۆگزىلىك مەھەللە، تۇتاش كەتكەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيلىرى، يانداپ سېلىنغان يەسلى، ئىككى تەرىپىگە ھەر خىل مەنزىرە كۆچەتلىرى ۋە گۈل - گىياھلار تىكىلگەن ئاسفالت يوللارنىڭ گۈزەل يېزا - كەنت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز.

ھويلا - ئاران ئىگىلىكىكىرىمنى ئاشۇردى

كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش ئويى تېخىمۇ كۈچەيدى.

ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز، رەتلىك، پاكىز ھويلا - ئاراننى، ئۆيىنىڭ ئالدىغا ياڭيۇ، لازا تېرىلغانلىقىنى، ئالما كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنى، ئۆيىنىڭ كەينىدە كالا قوتىنى، توخۇ كاتىكى ۋە ھاجەتخانا بارلىقىنى كۆرىسىز. «ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىنى گۈزەللەشتۈردى، ھەم ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتتى» دېدى گۈلنۇر.

2018- يىلى، خىزمەت ئەترىتى 440 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتىكى 89 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى. ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كۆكتاتلىق بەرپا قىلىپ، توخۇ كاتىكى سېلىپ، ھەقسىز كۆكتات مايسىسى ۋە چۈجە تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 44 ئائىلىلىكنىڭ ھويلىسىغا يەنە قىزىل خىش ياتقۇزۇپ بەردى، ئۆيىنىڭ كەينىگە پاكىز ھاجەتخانا سېلىپ بەردى.

جاڭىلىسىن مۇقامەتنىڭ ھويلىسىدا، مۇخبىر كۆكتاتلىقتىكى لازا، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ بولۇق ئۆسكەنلىكىنى كۆردى، جاڭىلىسىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىر يىلدا ئۆزۈم تېرىغان كۆكتاتلارنى يەپ، نۇرغۇن پۇل تېجەپ قالدىم».

«2017- يىلى، مەن باشقا جايدىن كۆچۈرۈلۈپ يېڭى ئۆيگە كىردىم؛ 2018- يىلى، خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەم قىلىپ ھويلا - ئاراننى تۈزەشتۈرۈپ بەردى، مېنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىمنى ياخشىلاپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە كۆكتات تېرىپ، توخۇ بېقىپ پۇل تېپىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.» جاڭىلىسىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى يەنە بىز ھەربىر ئائىلىگە ھەقسىز بەش تۈپتىن ئالما كۆچىتى تىكىپ بەردى، بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

بۈگۈنكى كۈندە، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ئاقتام كەنتىدە ھەممە ئائىلە بەس - بەستە يولغا قويىدىغان بېيىش پىلانى بولۇپ قالدى.

ماھارەت تەربىيەسىئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

بۈگۈنكى كۈندە، كەپشەرلەش تېخنىكىسى، كەشتىچىلىك ھۈنەر سەنئىتى، ئامانلىق ساقلاش، تۇغۇت پەرۋىشى، چوڭ تىپتىكى تىراكتور ھەيدەش قاتارلىق بىر قاتار تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئاقتام كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى بىرەردىن ماھارەت ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كەپشەرلەش تېخنىكىسى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كەنت ئاھالىسى دەۋرىن خۇرالبېك كەنتتە كەپشەرلەش دۇكىنى ئېچىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ رەڭلىك پولات كەپشەرلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كۈندىلىك كىرىمى 200 يۈەندىن ئاشتى.

«سىرتقا چىقىپ ئىشلەش بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنى ئۆزگەرتتى، تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتتى. مەن ھازىر ئايدا 3700 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىمەن، تاماق، ياتاق ھەممىسى ھەقسىز. مەن ياخشى خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ كەلگۈسىدە كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەيمەن» دېدى خۇبېينىڭ شيەنتاۋ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاقتام كەنت ئاھالىسى كۈلتاي تۆلەبىلقان تېلېفوندا.

«ئوغلۇم خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنتاۋ شەھىرىگە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا كەتتى، ئالدىنقى ئايدا 3300 يۈەن ئەۋەتىپتۇ، كېلىنىم كەنتتىكى 20 كۈنلۈك كەشتىچىلىك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.» كەنت ئاھالىسى نەسىلبېك جۈتەيشاخۇن مۇنداق دېدى: «كېلىنىم ئوقۇش تاماملاپ قايتىپ كەلسە، مەنمۇ ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىمەن. بۇ يىل بىز تىرىشىپ كۈنىمىزنى بۇلتۇرقىدىن تېخىمۇ ياخشىلايمىز».

2018- يىلى، ئاقتام كەنتى توققۇزتارا ناھىيەسى بويىچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەڭ كۆپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كەنت بولۇپ، ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارلا 102 ئادەمگە يەتتى. بۇ يىل، ئاقتام كەنتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان كەنت ئاھالىسى 57 ئادەم بولۇپ، ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان.

گۈلنۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت چىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىمىز».