كادىرلار بىلەن ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرىسە، قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل بولىدۇ

日期:2019年05月14日
来源:新疆日报网
【字体:

بايىنشىرگ مەھەللىسىدىكى كادىرلار ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقاچقا، ھەممە ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى.

ئىناق مەھەللە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ، سىستېمىلىق بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ۋە قوللىشىغا موھتاج، كۆپچىلىكنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش يولىدا مېڭىشىغا موھتاج.

قانداق خىزمەت قىلىشتىن قەتئىينەزەر، كادىرلار ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ، بار - يوقنى تەڭ كۆرگەندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، كەسىپتە ئابىدە تىكلىيەلەيدۇ. خۇددى بايىنشىرگ مەھەللىسىگە ئوخشاش، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈككەندىلا، ھەرقانداق ئىشتا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. كادىرلار بىلەن ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرىسە، قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل بولىدۇ!

مەھەللىنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يولىدا، بايىنشىرگ مەھەللىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى «چىن قەلبى بىلەن خەلقنى كۆزلەش، چىن ھېسسىياتى بىلەن خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر بەن كىشىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ گۈزەل، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا...