كەنتكە بىر تۈركۈم ياشلار كەلدى

日期:2019年05月08日
来源:新疆日报网
【字体:

باھاردىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بۇ كەنتنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ھەم «ياشلىق باھارىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ. تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋر» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى ئادىل قېيۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى تەقدىرلەندى. ئادىل ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتىنى سۆزلىگەندە: «ئەتراپىمىزدا ئۈلگىلەر بولسا، ئىلگىرىلەشتە كۈچ بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئۈلگىسى دەل ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

■ ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر قوشۇن

«مەن 41 ياش، قالغان بەشەيلەننىڭ ھەممىسى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، 90- يىللىرىدا تۇغۇلغانلار». ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھاجىرەم تۇرسۇن مۇخبىرغا ئەترەت ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى ھەم «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇنەۋۋەر» دەپ باھا بەردى.

بۇ باھا كەنتتىكى 79 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇرسۇن تاھىرنىڭ سۆزىدە دەلىللەندى. «ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا خىزمەت ئەترىتىدىكى ياشلارنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ياشلار كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنت گۈزەللىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىمۇ ئۆستى.

قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە 327 ئائىلىلىك 1480 كىشى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا 1.9 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، يەر ئۈنۈمسىز، ئېغىر نامرات كەنت. پۈتۈن كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 139 ئائىلىلىك 624 نامرات كىشى بار.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 2017- يىلىدىن باشلاپ ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلارنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ چىقاردى. 2018- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون تاللاپ ئەۋەتكەن 1- شۇجى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئەۋەتكەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرىمۇ قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىگە كەلدى، ئۇلار كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەنت ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

«ياشلار جاسارەتلىك، ئوي - پىكىرلىك كېلىدۇ، يېڭىلىق يارىتالايدۇ». كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى توختەم ۋاھىت مۇنداق دېدى: بۇ بىر توپ ياشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار يەنە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك خىزمەتلەردە كەنتتىكى ياش كادىرلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا خىزمەتلەرنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

26 ياشلىق ئادىل قېيۇم كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى ياڭ تۇڭتۇڭ ماڭا قولمۇقول ئۆگەتتى، ھازىر كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشقا ناھايىتى پىششىق بولۇپ كەتتىم، يەنە ياڭ تۇڭتۇڭدىن نۇرغۇن خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندىم، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تېخىمۇ ئىشەنچىم بار بولدى.

■ كەنت ئاھالىسى بىلەن قەلبى تۇتاش بىر توپ «ئوغۇل بالا»

خىزمەت ئەترىتىدىكى بەش يىگىتنىڭ ھەممىسى كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر ئىدى. لى گۇاڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر بولۇپ، بەستلىك، يول مېڭىشلىرىمۇ مەردانە ئىدى، ئىلگىرى ئەسكەر بولغان ئۇ ئىشنى چاققان قىلاتتى. 2017- يىلى لى گۇاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدىكى خىزمەت ئەترىتىگە يۆتكەپ كېلىنىپ يېرىم يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان، كەنتتىكى ياشلار ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بۇ يىل لى گۇاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم كەنتكە كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى، كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا توي قىلغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنى خوتۇنىنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىشتى.

ئەكرەم ئەمەت «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەترەت ئەزاسى، ئۇ قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى. 2018- يىلى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كەنت «ئۈزۈلگەن يول»ى دۆلەت يولى 219- لىنىيەسى ۋە ئۆلكە يولى 316- لىنىيەسى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىپ، بۇ كەنتنى «ئەڭ چەت جاي»دىن راۋان، توسالغۇسىز بولغان مەركىزىي كەنتكە ئايلاندۇردى؛ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كۆلىمى ئىككى يىلدا بەش ھەسسە كېڭىيىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 600 كىشى سىغىدىغان يىغىن زالى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئىش بېجىرىش زالى سېلىندى، يەنە مەدەنىيەت كارىدورى ياسالدى. ئەكرەم مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر 3- كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ سۇ تۇرۇبىسى يولىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاپ، 27 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ قىشتا ئىچىدىغان سۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2018- يىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاپتونوم رايون بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەت ئەترىتى بولۇپ باھالاندى.

«دائىم كۈندۈزى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىمىز، كەچتە ماتېرىيال يازىمىز.» «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى لېي گاڭ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىرتەرەپتىن كۇنۇپكا تاختىسىنى باسقاچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ خىزمەت ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بەردى. لېي گاڭ گەنسۇلۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئاندىن ئۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ئىنىسىنىمۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ئەكىلىۋالدى. «پەقەت چىن قەلبىڭىز، چىن ھېسسىياتىڭىز بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلسىڭىزلا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبى سىزنىڭ قەلبىڭىز بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدۇ.» لېي گاڭ مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى قىزغىنلىق بىلەن مېنى قولۇمدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزغاندىكى، ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ مېنى كۈتۈۋالغاندىكى ھېسسىياتنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن».

■ نامراتلىق بىلەن كۈچ سىنىشىدىغان بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئالىمجان تۇرسۇن ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ، كۈندە قۇرۇلۇش مەيدانىدا بولدى. بۇ يىل كەنتتە 60 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىۋاتاتتى، ئۇ ھەر ۋاقىت قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىگە دىققەت قىلاتتى. كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنت قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، نۇرغۇن نامرات كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا قوبۇل قىلدى. دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىشقا قاتنىشىشى بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردى. «دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. » دېدى ئالىمجان.

90- يىللاردا تۇغۇلغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياڭ تۇڭتۇڭ قارىماققا قۇرداشلىرىدىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، سالماق كۆرۈنەتتى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئۇدا ئىككىنچى يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشى. نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ 139 نامرات ئائىلىگە كىرىپ قايتا - قايتا زىيارەت قىلدى.

«ھازىر تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانلاردىن 63 ئائىلىلىك 276 كىشى بار، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، بىز ئادەمگە قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، بۇ يىل پۈتكۈل كەنتنى ئېغىر نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.» ياڭ تۇڭتۇڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ياشلار كۈرەش قىلىشى كېرەك، كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.