چەرچەن ناھىيەسى: ئەگمە پارنىك كۆكتاتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

日期:2019年05月07日
来源:天山网
【字体:

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا لازا مايسىسى بىلەن شوخلا مايسىسى تارقىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، مەن قايتقاندىن كېيىن ئۇلارنى ياخشى تىكىپ، بالدۇرراق كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى چەرچەن ناھىيەسى چىگەقاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىئوغۇلخان جاپپار خۇشال ھالدا.

يېقىندا، چەرچەن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسىنىڭكىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزىدە 10 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 500 تۈپتىن كۆكتات مايسىسى تارقىتىپ، ئۇلارنى ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئوغۇلخان جاپپار كۆكتات مايسىسىنى ئالغاندىن كېيىن، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت، بىزگە كۆكتات ئەگمە پارنىكى ياساپ بېرىپلا قالماي، كۆكتات مايسىسى تارقىتىپ بەردى، يەنە كۆكتات تېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بىزنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچەتەربىيەلىدى. ئىشىنىمەنكى، بۇ يىل كۆكتاتتىن ياخشى ھوسۇل ئالىمەن.

كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ چۈنفېڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كېيىنكى مەزگىلدە يەنە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قولمۇقول كەنت ئاھالىلىرىغا كۆكتات مايسىسىنى قانداق تېرىشنى ئۆگىتىپ، كەنت ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق ھەميېنىنى تومپايتىشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.»