«كەشتە تىكىش روھى» بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش

日期:2019年05月07日
来源:新疆日报
【字体:

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قۇبۇقسار بازىرى بايىنشىرگ مەھەللىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتى، ئۆگىنىشى قاتارلىق كۈندىلىك كىچىك ئىشلاردىن قول سېلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە گىرەلىشىش، ئىقتىساد جەھەتتە گىرەلىشىش، ئىجتىمائىي جەھەتتە گىرەلىشىش ۋە ھېسسىياتتا يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.

«خەلقنىڭ ساداسىغا مەن ئىنكاس قايتۇرىمەن.» مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي بېجىرىش ئۈچۈن، مەھەللە ھەربىر باشقۇرۇش دائىرىسىگە دائىرە پارتىيە گۇرۇپپىسى سەپلەپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنى دائىرىدە قۇردى، ئىش ئورنىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغاندىن كېيىنكى پارتىيە ئەزالىرى دائىرىدە ھەرىكەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاممىنى غەم - قايغۇدىن خالاس قىلىپ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىچىك ئىشلارنى دائىرىدىن چىقماي بېجىرىش، چوڭ ئىشلارنى مەھەللىدىن چىقماي بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان مەنپەئەت ۋە ھېسسىيات ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.

«سىز ئاممىغا قانچىلىك يېقىنلاشسىڭىز، ئامما سىزگە شۇنچىلىك يېقىنلىشىدۇ.» باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىغا كۆپرەك يېقىنلىشىپ، ئامما بىلەن «بىر ئورۇندۇقتا تەڭ ئولتۇرۇش» ھەم «كەشتە تىكىش روھى» بىلەن، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىش، چىن كۆڭلىدىن ئاممىغا ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئامما سىز بىلەن سىردىشىدۇ، سىزگە باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ.