پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

ــــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۇڭلياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

日期:2019年05月06日
来源:天山网
【字体:

كەنت قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، ھەممەيلەننىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى... بەش يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى دۇڭلياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى جاپالىق ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دۇڭلياڭ كەنتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئېگىز جەۋلان قىلىۋاتقان پارتىيە بايرىقى پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا يېتەكلىدى.

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، خىزمىتىمگە بارغانسېرى پىشىپ كەتتىم» دېدى دۇڭلياڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جارقىن ئۈرۈمقان 5- ئاينىڭ 3- كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ.

«پەي چىڭىتىلىپ، سۆڭەك كۈچلەندۈرۈلۈپ» خىزمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

دۇڭلياڭ كەنتى قازاق مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، 374 ئائىلە، 1212 نوپۇس بار بۇ كىچىك تاغلىق كەنت قاتناش قولايسىز، دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز، باقمىچىلىقى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىق «بوغما ھالەت»نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇشى بىرقەدەر نامرات ئىدى. 2014- يىلى، دۇڭلياڭ كەنتى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىدىغان نامرات كەنتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، دۇڭلياڭ كەنتى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدە خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش، ھەمكارلىق ئېڭى تۆۋەن بولۇش، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى.

«كەنتنىڭ كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا سەركىگە قاراش كېرەك. جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرسىلا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە بولماسلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى دۇڭلياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ياڭ لېي.

شۇڭا خىزمەت ئەترىتى كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، «ئۆگىتىش، يېتەكلەش، ياردەم بېرىش، تۈرتكە بولۇش»نى تۇتقا قىلىپ، شۇجىلارنى ياخشى يېتىشتۈرۈش، بەنزىنى ياخشى بەرپا قىلىش، قوشۇننى ياخشى قۇرۇش، مېخانىزمنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بازىنى ياخشى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «پېيىنى چېڭىتىپ، سۆڭىكىنى كۈچلەندۈردى».

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى بىلەن «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قولمۇقول پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەجرىبە ئۆگىتىپ، تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي تۇرمۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ تەدبىرلەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىنىڭ «يۆلەنچۈكى»گە ئايلاندۇردى.

ھازىرغىچە، كەنتتە 30 كىشى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، سەككىز كىشى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى قىلىپ بېكىتىلدى.

دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى

«كەنتىمىزدە دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى ئادەملەر ئەڭ كۆپ ئىزدەيدىغان جاي» دېدى كەنت ئاھالىسى ئادالەت توخۇرخان مۇخبىرغا.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، «يېزا پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دائىرىنى تۇتۇش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دۇڭلياڭ كەنتىنى دائىرە بويىچە ئايرىپ، تۆت دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، ھەربىر كەنت ئاھالىسىنى ئۆز تەۋەلىكى بويىچە دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھەربىر دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان بىر پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىدى ھەم پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسى قۇرۇپ، كۆرگەزمە تاختىسى، كىتاب ئىشكابى، ئۈستەل - ئورۇندۇق قاتارلىقلارنى سەپلەپ، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئارقىلىق دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، شۇيشىگۇ بازارلىق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دۇڭلياڭ كەنتىدە پارتىيە باش ياچېيكىسى قۇرۇلدى.

«دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى <ئادەم دائىرە ئىچىدە مېڭىش، ئىشنى دائىرە ئىچىدە بېجىرىش>تەك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى» دېدى ياڭ لېي.

كەنت ئاھالىسى گۈلسۈم خۇناپىيانىڭ پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى ئاچقۇسى بار ئىدى، بىراق ھۈنىرىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتى. دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن خىزمەت ئەترىتىگە مەلۇم قىلدى. كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئالاقىدار تارماق بىلەن ئالاقىلىشىپ كەنتتە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، گۈلسۈم قاتارلىق ئاياللار پېچىنە پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالدى.

كەنت ئاھالىسى بېكېن ئەخمەتوللا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ بىر تەرەپتىن، دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، دائىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تۇتتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەينى - كەينىدىن دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، دۇڭلياڭ كەنتىدە تۆت دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 147 ئادەم قېتىمنىڭ داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىزچىل تۈردە دۇڭلياڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

«ئىلگىرى كەنتىمىزنىڭ شارائىتى ناچار، كەنت ئاھالىلىرى نامرات، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى چېچىلاڭغۇ ئىدى» دېدى دۇڭلياڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى گۈلزات نۇردوللا. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كونىلىقنى ساقلاش تەپەككۇرىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى تەشۋىقات ئەترىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، دۇڭلياڭ كەنتى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 5 مىليون 580 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن يەتتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە يولغا قويغان گۆش كالىسى، ئىنەك باقمىچىلىق تۈرىدە، ھەر يىلى 20 موزاينى 20 نامرات ئائىلىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى يەنە يەرلىك توخۇ باقمىچىلىقى تۈرىنى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ مۇھىت ئاسرىغۇچى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئوتلاق قوغداش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى، يۆلىدى.

كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش دۇڭلياڭ كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. 2018- يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 15 مىڭ 924 يۈەن بولۇپ، 2014- يىلىدىكى 8600 يۈەندىن %85.2 ئاشتى.