كالا-قويدىن باشقا، بۇ يەردىكى چارۋىچىلار يەنە رەڭگارەڭ قىرغاۋۇلمۇ بېقىشقا باشلىدى

日期:2024年03月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرياڭ جياجيا

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسى زېگىدېن قۇدۇق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى زەيتۇنەم ئەخمەت ئىنچىكىلىك بىلەن توخۇ كاتىكىنى رەتلەۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا كېلىدىغان يېڭى چۈجىلەرنىڭ تۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت ھازىرلاۋاتتى.

«بۇ يىل مەن كەنت بىلەن ئالاقىلىشپ، 100 قىرغاۋۇل چۈجىسى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدىم، بۇ، بۇلتۇرقىدىن سەل كۆپ بولۇپ، كۆپرەك كىرىم قىلالايمەن.» زەيتۇنەمنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدا، كەنت كومىتېتى ئۇنىڭ سىناق تەرىقىسىدە بېقىشىغا ئىككى ئايلىقچە بولغان 50 رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل ئەكىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ قىرغاۋۇللار تۆت ئايدىلا چوڭىيىپ، ئېغىرلىقى1.5 كىلوگرامغا يېتىپ، 2000 يۈەنگە يېقىن پۇل تاپقان.

زېگىدېن قۇدۇق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى باققان رەڭگارەڭ قىرغاۋۇللار.

جاڭ كەيفوتوسى

زېگىدېن قۇدۇق كەنتى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كالا-قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن ھەقسىز كاتەك سېلىپ بەردى ھەمدە 500 چۈجە سېتىۋېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە 50تىن كېلىدىغان كۆلەم بويىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېقىشىغا تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل بېقىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

«رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل ياقتۇرۇپ يەيدىغان كۆممىقوناق، كېپەكلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيىدە بار، ئۇنى بېقىش ئاددىي، ئەپلىك، يەر تېرىش بىلەن قىرغاۋۇل بېقىش بىر-بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، يەنە بىر كىرىمنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ» دېدى زېگىدېن قۇدۇق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ كەي.

رەڭگارەڭ قىرغاۋۇلنى بېقىش جەريانىدا، زېگىدېن قۇدۇق كەنتى كەسپىي خادىملارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ تېخنىكىلىق يېتەكلەش بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىرغاۋۇل چۈجىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل بېقىشتىكى غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بۇ كەنت رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ رەڭگارەڭ قىرغاۋۇللىرى ۋە لازىلىرىنى سېتىۋالدى، ناھىيەدىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل لازا قىيامى پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىپ چىقاردى. ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىلازا قىيامى، قۇرۇتۇلغان قىرغاۋۇل گۆشى، قىرغاۋۇل تۇخۇمى قاتارلىقرەڭگارەڭ قىرغاۋۇليۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىقتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچى خادىمى رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل لازا قىيامىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

جاڭ كەيفوتوسى

«بۇ يىلقى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، كەنتتە سىناق تەرىقىسىدە بېقىلغان رەڭگارەڭ قىرغاۋۇللار دەل كاتەكتىن چىقىرىش مەزگىلىگە ئۇدۇل كېلىپ، 500 قىرغاۋۇلنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ، باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەن ئاشتى.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر قاسىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىرىنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىسى ئارقا-ئارقىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇپ، بۇ يىلمۇ رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئەلا سۈپەتلىك لازا ماتېرىيالى، يېشىل رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل چۈجىسى كەنتىمىزنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بايلىق ئەۋزەللىكىمىز، بۇ يىل كەنت بويىچە بېقىلىدىغان رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل سانى بۇلتۇرقىنى بىر قاتلايدۇ.» جاڭ كەي مۇنداق دېدى: «بىز ئىشلەش جەريانىدا ئىزدىنىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ رەڭگارەڭ قىرغاۋۇل يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پايدا ئېلىشى ۋە كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىدە قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».