مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى بەسئۆستەڭ (10) كەنتىدە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان جۇغلانما نومۇرنى «باھار بايرىمىلىق مال»غا نەقلەشتۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، مەسلىھەتلىشىش-كېڭىشىش ئىشلىرى قاتارلىقلارغا قاتنىشىش جەھەتتىكى ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرىدا كۆڭلى خالىغان بۇيۇمغا نەقلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى.