قاراڭ، كۈيتۈن قەھرىتان قىشتا ئىللىقلىققا تولدى

日期:2024年01月19日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: كۈيتۈن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۈيتۈن شەھىرىدىكى ھەرقايسى كوچا، مەھەللىلەردە، ئارقا-ئارقىدىن قىلىنغان «ھەرىكەت»لەر شەھەرنىڭ قىش كۈنلىرىگەئىللىقلىق قوشتى.

يۈنشيۇلى مەھەللىسى تەۋەلىكتىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ كۈيتۈن شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، «قانۇننى ھەمراھ قىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئورتاق قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تەشۋىقات مەزمۇنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ھەم قانۇن بىلىملىرى تەشۋىق قىلىندى، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىئۆستۈرۈلدى.

جىنچياۋلى مەھەللىسى داۋالاش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ خالىس سالامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى تومۇر تۇتۇش، قان بېسىمنى ئۆلچەش، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇشمۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ،ئاممىنى ئىشىكئالدىدىلا ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

ۋورمەي مەھەللىسى «قەھرىتان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىپ خەلق قەلبىنى ئىللىتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى پىدائىيلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىسسىق جۇۋاۋىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا مەھەللە چوڭ ئائىلىسىنىڭئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

پېڭچېڭيۈەن مەھەللىسى خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش دەم ئېلىش پونكىتى قۇرۇپ، سىرتتا ئەمگەك قىلغۇچىلارنى توڭلاپ كەتسە ئىسسىنىدىغان، ئىسسىپ كەتسە سالقىندايدىغان، ئۇسساپ كەتسە سۇ ئىچىدىغان، ھاجىتى قىستاپ كەتكەندە ھاجەت قىلىدىغان، ھېرىپ كەتسە دەم ئالىدىغان، قورسىقى ئاچسا ئىسسىق تاماق يەيدىغان، يارىلانسا دورا ئىشلىتىدىغان «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆيى» بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا جاپالىق خىزمەت قىلغاندىن باشقا ۋاقىتتا «ئائىلە» ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

دۇڭشيۇيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى بەخت ۋە ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

تۇڭجىلى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىللىق شامال چىقىرىدىغان شامالدۇرغۇچ ئاپىرىپ بېرىپ، نەق مەيداندا ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ھەمئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراپ، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش-ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ئۆيدە ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

قەھرىتان قىشتا، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ مەھەللىلىرىدىكى بۇ «كىچىك ئىللىقلىق»لار سىزنى ئىللىتالىدىمۇ؟

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار جۇ لېلې، ۋاڭ يۈيۈن، جاڭ يافاڭ، قىنبات قىيزات، مۆلدېر، ئايگۈل قۇۋاتبېك)