قەھرىتان قىشتا «كىچىك ئىشلار» ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2024年01月19日
来源:天山网
【字体:

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئاھالىلەرگە كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بېرىش ئەسۋابىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، ئورنىتىپ بەردى.

چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى قارابۇرا شىمالىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى 745 ئائىلىگە كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بېرىش ئەسۋابى ئورنىتىپ بەردى.

مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەسىلىسى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى گەنجىساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كومىتېتى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ھەپتە ئاخىرىدا بالىلارنىڭئۆزلۈكىدىن كەنت كومىتېتىغا كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش، تەكرار قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

يېقىندا، راۋانلاشتۇرغۇچى خادىم ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا ئايلانما يولى جەنۇبىي مەھەللىسى چاۋياڭ ئولتۇراق رايونىدىكى توسۇلۇپ قالغان يەر ئاستى سۇ يولىنى راۋانلاشتۇرماقتا.

سۈبھىنۇر ئەنۋەر فوتوسى

چاۋياڭ مەھەللىسى ئۆي-جاي مۇلازىمىتى بولمىغان كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، تەۋەلىكتە ياشانغانلار توپى بىر قەدەر كۆپ ئىدى. توك يولى كونىراش، چېتىشىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئولتۇراق رايوندىكى كارىدورلارنىڭ ئىندۇكسىيەلىك چىراغلىرىدا دائىم كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئاھالىلەر كەچتە ئۆيىگە قايتقاندا قاراڭغۇدا مېڭىشقا ياكى قولچىراغ ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ياشانغانلارنىڭ كىرىپ چىقىشى قولايسىز ئىدى. ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئايلانما يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى چاۋياڭ مەھەللىسىدىكى بەش بىنادىكىلەردىن بىرمۇبىر ئەھۋال ئىگىلىدى. ئاندىن، كەسپىي رېمونتچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەۋەلىكتىكى بۇزۇلغان لىنىيەلەرنى رېمونت قىلىپ، يورۇمايدىغان 65 كارىدور چىرىغىنىڭ ھەممىسىنىڭ لامپۇچكىسىنى ئالماشتۇردى ۋە رېمونت قىلدۇردى.