خۇياڭ قويى تارقىتىپ بېرىلدى! ئاقسۇدىكى بۇ كەنت قوي شادلىقىغا چۆمدى

日期:2024年01月16日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قارا تال بازىرى چۆرۈقۇم كەنتى خۇياڭ قويى تۈرىنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قىممىتى 300 نەچچە مىڭ يۈەنلىك 207 تۇياق خۇياڭ قويىنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بېرىپ، ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قارا تال بازىرى چۆرۈقۇم كەنتى ئۆتكۈزگەنخۇياڭ قويى تۈرىنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

پايدا تەقسىم قىلىش نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى، كەنت ئاھالىلىرى تەرتىپ بويىچە قاتاردا تۇرۇپ چەك تارتىپ، قوينىڭ رەت نومۇرىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمزا قويۇپ، قولىنى باستى.

كەنت ئاھالىسى ئەمەر سايىت مۇنداق دېدى: «بۇ تۈر بەك ياخشى ئىكەن، ئائىلىمىز ھازىر 33 تۇياق قوي باقتۇق، بۇلتۇر خۇياڭ قويى بېقىپ 15 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالدىم، بۇ يىل كۆپرەك بېقىپ، تۇرمۇشۇمنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قارا تال بازىرى چۆرۈقۇم كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خۇياڭ قويى تۈرىنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «بازارنى يېتەكچى قىلىش، ئامما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىش، ياچېيكا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پائال ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلىپ، خۇياڭ قويى تۈرىنى يولغا قويدى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى باشلامچىلىق بىلەن 500 تۇياق خۇياڭ قويى سېتىۋېلىپ، ئاقسۇ شياڭچىڭ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشىغا بېرىپ، ھەر يىلى پايدا تەقسىملەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى خۇياڭ قويىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

«خۇياڭ قويى تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. بىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خۇياڭ قويى باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى گا لۇڭ.

(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لۇ شۆتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىڭشىن)