شايار ناھىيەسى: ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم كۆچىتى تارقىتىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى سۈپىتىنى ئاشۇرۇش

日期:2019年04月30日
来源:天山网
【字体:

«خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ قالايمىقان ھويلامنى قايتا پىلانلىغاندىن باشقا، يەنە ماڭا ئۈزۈم كۆچىتى تارقىتىپ بەردى، مەن چوقۇم تېخنىكا تەلىپىگە ئاساسەن ئۈزۈم كۆچىتىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرىمەن.» دېدى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن ئوسمان.

شۇ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار 25 ئائىلىگە 200 تۈپ ئەلا سۈپەتلىك «مۇز ساھىبجامال ئۈزۈمى» كۆچىتىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«مۇز ساھىبجامال ئۈزۈمى» ئۇرۇقسىز، كېيىن پىشىدىغان ئۈزۈم سورتى بولۇپ، تەمى تاتلىق، يېيىشلىك، تەركىبىدە راكقا قارشى ماددا «ئاق لويلا ئالكوگول» بولغانلىقتىن، «راكقا قارشى ئۈزۈم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئۈزۈم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «مۇز ساھىبجامال ئۈزۈم»نىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ساقلاشقا چىداملىق، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا 20 كۈندىن 30 كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ساقلاش ئىقتىدارى بولمىغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تېرىشىغا ماس كېلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنچىكە كەنتى شايار ناھىيەسىنىڭ 2019-يىللىق ئاھالىلەر ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدىكى «ئۈلگىلىك كەنت» بولغان. تىپىك ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرگەن. ھازىرغىچە، 40تىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھويلا-ئاراننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە ھويلا ئىچى ۋە سىرتىنى تۈزەش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارخىپىنى چىقىرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » ئىشخانىسىدىن دەي چياڭ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ