ئاقسۇ شەھىرى: كىچىك كۆكتاتلىق ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

日期:2019年04月30日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ خوڭچىپو تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى لىنخەي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى گۈرجەك، ئوتىغۇچلارنى ئېلىپ، ئوغۇت چېچىپ، يەر ئاغدۇرۇپ، قىر چىقىرىپ، كۆكتاتلىققا بەسەي، بوسەي، تۇرۇپ، شوخلا قاتارلىق ھەر خىل پەسىللىك كۆكتاتلارنى تېرىدى.

لىنخەي مەھەللىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەڭ چەت مەھەللىلىرىنىڭ بىرى، تەۋەلىك رايوندا كۆكتات بازىرى يوق، ئاھالىلەر ئادەتتە كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئون نەچچە كىلومېتىر، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق يەرگە بېرىپ سېتىۋالىدىغان بولۇپ، سىرتقا چىقىپ سېتىۋېلىش ئىنتايىن قولايسىز. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى بۇ تەۋەلىك رايوندا تۇرغاندىن بۇيان، مەھەللە ھويلىسى ئىچىدىكى ئىككى پارچە بوش يەرنى «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئايلاندۇرۇپ، بىر بۆلىكىدە كۆكتات تېرىپ، يەنە بىر بۆلىكىدە توخۇ باقتى، بۇ ئارقىلىق كادىرلارنىڭ كۆكتات يېيىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تاماق تەننەرخى تۆۋەنلەپلا قالماي، ئەمگەك جەريانىدا ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.

سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە بوش يەرلەر بولۇش ۋە ھەممە ئۆيلەرنىڭ مېۋىلىك بېغى بولۇشتەك خاس ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. ھازىر، خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنى كۆكتاتلىقنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئاھالىلەرگە ياردەم قىلىپ ھويلىسىنى پىلانلاپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيىگە تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونى پىلانلاتتى، شارائىتى بارلار يەنە كەپتەر بېقىش، قوي بېقىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش چىقىمىنى ئازايتىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كىرىمىنى ئاشۇردى.

«خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ناھايىتى يېقىشلىق ئىكەنسىلەر، قەلەممۇ تەۋرىتەلەيدىكەنسىلەر، يەنە كۆكتات تېرىپ، توخۇ باقالايدىكەنسىلەر. بىزنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا بولغان قىزغىنلىقىمىزنى سىلەر قوزغىدىڭلار» دېدى مەھەللە ئاھالىسى جاڭ دېڭكې خۇشال ھالدا. (ماقالىنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن يۆ لېي، خەن شىن تەمىنلىدى)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.