شايار ناھىيەسى: يېشىل ئەخلەت تۇڭى كەنتتىكىلەرنى يېشىل تۇرمۇشقا باشلىدى

日期:2019年04月30日
来源:天山网
【字体:

«ھازىر خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا يېشىل ئەخلەت تۇڭى قويۇپ بەردى، مەخسۇس ئادەم قەرەللىك تازىلاپ تۇرىدۇ، بىزمۇ ناھىيە بازىرىغا ئوخشاش پاكىز مۇھىتتىن بەھرىمەن بولدۇق، كۆپچىلىك ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، مۇھىت تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، كەنتنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى» 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى تېرەك كەنتىنىڭ ئاھالىسى رىزۋانگۈل مىجىت يېشىل ئەخلەت تۇڭىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە مۇھىت ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، شايار ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرىدىن مۇھىت ئاسراش ئەخلەت تۇڭىدىن 35نى ئىلتىماس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا تارقىتىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئاممىغا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىت تازىلىقىنىڭ رەتلىك ۋە پاكىزلىقىنى ساقلاشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تەۋەلىك رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقى ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى.

«بىز كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەخلەت تۇڭى تۈرىنى قولغا كەلتۈردۇق، يەنە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇھىت تازىلىقى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، مەدەنىي، يېشىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېزا-كەنت مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.» دېدى كەنت 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رىزۋانگۈل قۇربان. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ياڭ يەنچۇن، شۈ تاۋ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ