خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى

日期:2024年01月10日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن خەۋەر قىلىدۇ) خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە بىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى بار، ئۇ خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى بولۇپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋېلىپ، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن ۋېنچېڭ (ئوتتۇرىدا) «يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى»دا بالىلارغا ئاسترونومىيە تېلېسكوپىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، كەنتكە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، كەنت كومىتېتى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مەركىزىنى مەركەز قىلغان، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى يولى، قەھرىمان-نەمۇنىچىلار يولىدىن ئىبارەت ئىككى يولغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ۋاسكىتبول مەيدانى، چالغۇ ئەسۋابلار، شاھمات، كۇتۇپخانا، رەسىم ئۆيى، دېھقان ئائىلىسى كىتاب ئۆيى قاتارلىق 27 فۇنكىسىيەلىك ئۆي (رايون)نى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت سېپى قۇرۇپ چىقىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى چەمبىرىكى ھاسىل قىلىندى.

نۇرغۇن كىشىنى بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كۆڭۈل ئېچىش بىلەن تەمىنلەشنىبىر گەۋدىلەشتۈرگەن سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى VR كىنو ھېس قىلىش رايونى، ئىلىم-پەن تەجرىبە رايونى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۇتۇپخانىسى، لېگاۋ ئويۇنچۇقلىرىنى قۇراشتۇرۇش رايونى، ئېغىرلىق كۈچى-ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچىنى ھېس قىلىش رايونى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپى كارىدورىدىن ئىبارەت ئالتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى چۈشەندۈرگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كەنتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى قەرەللىك ھالدا ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۈرەت، يېزىق، كۆرگەزمە سايمانلىرى، VR ھېس قىلىش، ۋاسىتىسىز D3 قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى كۆرۈش، ھېس قىلىش، بىۋاسىتە كۆزىتىش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش جەريانىدا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

خىزمەت ئەترىتى يەنە دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار 20 نەپەر ياش-ئۆسمۈر، بالىنى ئالايىتەن تەربىيەلەپ چىقىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ كىچىك چۈشەندۈرگۈچىسى قىلدى.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن ۋېنچېڭ (سولدىن 2-كىشى) «يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى»دا بالىلارغا VR تاقاپ قويماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قىشلىق-يازلىق تەتىللىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ كەنتتىكى بالىلار، كەنت ئاھالىلىرىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئېكىسكۇرسىيە، ئۆگىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، باشقا كىشىلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، ئېكىسكۇرسىيە قىلماقچى بولسا، ياكى قوشنا كەنتتىكى بالىلار، كەنت ئاھالىلىرى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا كەلمەكچى بولسا، ئالدىن كېلىشىپ قويۇشى كېرەك.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى چېڭ جيې (سولدىن 3-كىشى) بالىلارغا موي قەلەمدە خەت يېزىشنى ئۆگەتمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئەلى بىر چۈشەندۈرگۈچى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، كەنتتىكى نۇرغۇنلىغان ئەسلىھەلەر ۋە بىلىملەرنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، بۇ يەردە ئۆزۈم قول سېلىپ ئۈسكۈنىلەردە مەشغۇلات قىلالايمەن، يەنە نۇرغۇن بىلىم ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم».

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىغا 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2023-يىلى 3-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، ھازىر كەنت ئاھالىسى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋېلىپ، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ ئالۇڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) بالىلارغا پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەتمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

ھازىر، ئايدىڭكۆل كەنتى 850 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىش مۆلچەرلەندى.