قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت| خوتەندىكى بۇ كەنتتە 1000 تال يېشىل لېنتا لەپىلدىدى

日期:2023年12月21日
来源:天山网
【字体:

12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» يېشىل لېنتا ھەرىكىتىگە قاتناشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ياڭ بىن خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)نىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە چىقارغان «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى»«يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل»«ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈكئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» يېشىل لېنتا ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قىشتا سەپەرگە چىقىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق ئائىلە ئاپتوموبىلى ۋە 800دىن ئارتۇق موتوسىكلىتقا يېشىل لېنتا چىگىلدى.

12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن ۋېنچېڭ كەنت ئاھالىلىرىگە يېشىل لېنتا تارقاتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شاڭ جۈنلىن ئاپتوموبىللارغا يېشىل لېنتا چىگمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى، 1000 تال يېشىل لېنتا ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ كوچىلىرىدا لەپىلدىمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدىن خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) چىقارغان «قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدۇق، خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن 1000 تال يېشىل لېنتا ئېلىپ، مېھرىبان ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە تارقىتىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىللىق سەپەرگە چىقىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتۇق».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى