يەكەن ناھىيەسىدە پارنىك گۈل-گىياھلىرىدىن گۈزەل تۇرمۇشنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، خاس كەسىپ تېرىقچىلىقىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشئېرىق يېزىسى كەنمەكىت كەنتىدىكى گۈل-پارنىكىغا كىرگەندە، رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ھاۋانى قويۇق گۈل ھىدى قاپلىغان بولۇپ، ھەر خىل سورتلۇق گۈللەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. كەنت ئاھالىسى سەمەت توخسۇن گۈللەرنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوشنىلىرىغا گۈل يېتىشتۈرۈش-پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

«بوش ۋاقتىم بولسىلا، پارنىكقا كېلىپ گۈل پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىمەن. ھازىر نۇرغۇن تېخنىكىنى ئىگىلەپ بولدۇم، كەلگۈسىدە ئۆزۈم بىر نەچچە پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئىدىرىسجان ئابباس.

2020-يىلىدىن باشلاپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدا، سەمەت توخسۇن كەنتتىكى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلدى. بىرىنچى يىلى تېرىش تېخنىكىسى ۋە پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇ گۈل ئۆستۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، خېلى زىيان تارتتى. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىدى. گۈل ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، سەمەت توخسۇن توردا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئۆگىنىش، پارنىكنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشىلاش، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۈل-گىياھ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، سەمەت توخسۇن ھەرخىل گۈللەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئادىتىنى پۇختا ئىگىلىدى. ھازىر ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشىدا، گۈللەردىن قىلغان ئۈنۈمبارغانسېرى ياخشى بولۇپ، بارغانسېرى كۆپخېرىدارئۇنىڭ گۈللىرىنى سېتىۋالغىلى كېلىدىغان بولدى.

«بۇ يىل پارنىك باشقۇرۇۋاتقىنىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بۇ يىل 4-ئايدا ئىككى پارنىكتىن 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. ھازىر پارنىكىمدا 15 مىڭ تۈپ گۈل-گىياھ بار، بۇ گۈللەرنىڭ ئىچىدە ياجاڭ دەرىخى، ئالوي، سەنجياۋمېي، ۋۇبەنمېي قاتارلىق سورتلار بار، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سېتىپ چىقىرالايمەن، كىرىمىم مۇقىم. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپلەرنى يۆلەش سىياسىتى ياخشى، مەن پارنىكنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بىر قىسىم سورتلارنى كۆپرەك كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلىپ قىلىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى سەمەت توخسۇن.

كەنت ئاھالىسى مەمەتنىياز مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ گۈل سېتىۋالدىم، بۇ يەرنىڭ گۈللىرى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، تۈرىمۇ خېلى كۆپ، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان گۈلنى سېتىۋالدىم، مەن دوستلىرىمغا بۇ يەرگە كېلىپ گۈل سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشئېرىق يېزىسى شەھەر-يېزا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «پارنىك ئىقتىسادى»نى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېڭى موتور»غائايلاندۇردى.

يەكەن ناھىيەلىك سۈرەت-يېزىق ئۇچۇر مەركىزىدىن قوشئېرىق كەنتى كەنمەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى نۇربىيە ئەنۋەر مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە جەمئىي 40 پارنىك بار، تېرىقچىلىق جەريانىدا بىز تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، پارنىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردۇق ھەمئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا تەشۋىقات قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېخنىكا، مۇلازىمەت،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز».

(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرىئاماننىسا مەمەت، پىراكتىكانتمەخپۇزەم خالىق)