فەنمۇگۇا، خوۋلۇڭگو، تىزى ئۈزۈمى... قاراقاش ناھىيەسى خاس مېۋە-چېۋىلەرنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

日期:2023年12月08日
来源:天山网
【字体:

باش قىش مەزگىلىدە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىگە كەلسىڭىز، قاتار-قاتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، فەنمۇگۇا، خوۋلۇڭگو، تىزى ئۈزۈمى قاتارلىق جەنۇبنىڭ خاس مېۋە-چېۋىلىرىنىڭ بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىپ يېتىشتۈرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى كۆرىسىز.

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر خاس مېۋە-چېۋە پارنىكىغا كىرگەندە، تېخنىكا خادىمى ئابلائېزىز مەمەتجان فەنمۇگۇانى پەرۋىش قىلىۋاتقان بولۇپ، غول شاخنى چاتاپ، ھەربىر مېۋىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىۋاتاتتى. «ئادەتتە، ھەر سائەتتە بىر قېتىم پارنىكقا بېرىپئايلىنىپ، مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەرۋاقىت ئىگىلەپ تۇرىمەن، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىپ، باشقا مېۋىلەرنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.» ئابلائېزىز مەمەتجانغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى بولۇپ، مەشغۇلاتقا ناھايىتى پىششىق ئىدى.

فەنمۇگۇا، خوۋلۇڭگو، تىزى ئۈزۈمى قاتارلىق مېۋىلەر جەنۇبتىكى رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ مېۋىلەرنىڭ ھازىر قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان قاراقاش ناھىيەسىدە يىلتىز تارتىپ بىخسۈرۈشى ھەقىقەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بولغان.

«ئالدىنقى مەزگىلدە، بىز فۇجيەن، خەينەن قاتارلىق جايلاردىكى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنى شۇ جاينىڭ پارنىك تېرىقچىلىقىغا قارىتا قاراتمىلىققا ئىگە تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، تۇپراق سۈپىتىنى ياخشىلاش، تېمپېراتۇرا-نەملىكنى تىزگىنلەشتىن زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلىنىشكىچە، ھەربىر ھالقىدا تېخنىك خادىملار قولمۇقۇل ئۆگەتتۇق. كەنتتە بىر تۈركۈم تېخنىكلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كونا پەدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» دېدى 1-شۇجى ليۇ فېي.

پەن-تېخنىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئايماق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىردىنلا پارنىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىگە ئايلاندى، كەنتتە ئابلائېزىز مەمەتجانغا ئوخشاش پارنىك باشقۇرىدىغان دېھقانلاردىن 70 ئائىلىلىك بار بولدى، بەزىلىرى پارنىكتىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىدى، بەزىلىرى تاۋۇز، قوغۇن تېرىدى، ھازىر فەنمۇگۇا، خوۋلۇڭگودەك شۇ جايدا كۆپ ئۇچرىمايدىغان مېۋىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن مېۋە بەردى.

«ئىلگىرى بازاردىن ئېلىپ يەيتتۇق، ئۇنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتۇق، ھازىر ئۆزىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق مېۋىلەرنى ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمىز، ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتىمىز.» ئابلائېزىز مەمەتجان ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان قاراقاش ناھىيەسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. نۆۋەتتە، كەنت كارخانا+تۈر+دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنى دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاس مېۋە-چېۋە تېرىقچىلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. پەقەت شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاۋ فېي)