كۇچا شەھىرىدە قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتاتلار بازارغا سېلىندى، ئاممىنىڭ «كۆكتات تەمىناتى»غا كاپالەتلىك قىلىندى

日期:2023年12月06日
来源:天山网
【字体:

مەنبەسى: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ھازىر، كۇچا شەھىرىدىكى 140 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان بەسەي، سەۋزە، ئوسۇڭ قاتارلىق قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتاتلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار ھاۋانىڭ ئوچۇق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ كۆكتاتلارنى جىددىي يىغىۋالدى، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش بولغانئىچىدە مول ھوسۇلمەنزىرىسىشەكىللەندى.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يا كەنتىدىكى ئەدىنە سادىرنىڭ بەسەيلىكىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى، كەنتتىكى پىدائىيلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ بەسەي يىغىۋاتاتتى.

نۆۋەتتە، دەرۋازا يا كەنتىدىكى 300 نەچچە مو يەرگە تېرىلغان بەسەي، ياڭيۇ، سەۋزىلەر بىراقلا يېتىلىپ تەييار بولدى، يېقىندىن بۇيانقى كىلىمات شارائىتىغا قارىتا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلار ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىتەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەملىشىپ كۆكتات يىغىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم«تور + تور سىرتى» ئۇسۇلى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىشىغا ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنى گەمە ياساپ، بازار نىسبەتەن تويۇنغان، باھاسى ئەرزان ۋاقىتتائېشىنچا كۆكتاتلارنى ساقلاپ قويۇپ، باھاسى ئۆسكەندە سېتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

كۇچا شەھىرى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئەسلىھەلىك كەسىپلەر تەرەققىياتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، «كۆكتات تەمىناتى»نىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك كۆكتات مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتاتلارنىياخشى يېتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كۇچا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى پۈتۈن شەھەردە كەنت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدىن 20نى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىدىن كېلىپ چىققان 56 نەپەر ئالاھىدە تەكلىپلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، تىكىش، پەرۋىش قىلىش، ھوسۇل يىغىشتىن سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى يىلسېرى ئۆسۈپ، شۇ جاينىڭ بازىرىغا كاپالەتلىك قىلىنغاندىن باشقا، ھەر يىلى 1000 توننىدىن ئارتۇق ھەرخىل كۆكتاتپۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، شۇنداقلا باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىپ چىقىرىلىدىغان بولدى.

(سىنغا ئالغۇچى \ ئىشلىگۈچى: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ دېڭپېڭ، ۋاڭ جيەنچياڭ، شيې چاۋ)