يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، داڭقىنى ئاڭلاپ داكا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچى چېن فاڭ ماجىكې خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەسەل قارىماققا رەڭ بىلەن بوياپ قويغاندەك كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىكەن، سۇس گۈل پۇرايدىكەن، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن، كۆپرەك سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئالغاچ كېتىپ، ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئېغىز تەگكۈزسەم بولغۇدەك».

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، چارۋىچىلار يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىگە شۇ جاينىڭ يەرلىك خاس مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا.

ماجىكى خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنى شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىگە جايلاشقان، بۇ كەنت چارۋا-مال باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، كەسىپلىرى يەككە ئىدى. چارۋىچىلار يېڭى كەنتىنىڭ كەسىپ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5-ئايدا، شىخو شەھىرى خىمىيە سانائىتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ماجىكې خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنى ئېچىشقا پائال يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، «خەلق ئۆرپ-ئادىتى + مەززىلىك تائام + ساياھەت» ئەندىزىسى بويىچە، قىشلىق چېلىشىش، لۇچى مۇسابىقىسى، چەۋەندازلىق، ئوغلاق تارتىشىش، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر تېخنىكا سەنئىتى كۆرگەزمىسى، قىشلىق گۆش بازىرى قاتارلىق موڭغۇل مىللىتىنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جاينىڭ يېشىل كالا-قويگۆشى، ھەسەل، قېرىنسىمان موگو، سۈتتىن ياسالغان مەھسۇلات قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ساياھەتچىلەرنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلىپ قىلدى.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى (ئوڭدا) ھەسەلچى دېھقاندىن ھەسەلنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

«بۇ دۇكاننى يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئاچتۇق، دۇكاندا پۈتۈنلەي يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ساتىمىز، بىز توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق، ماجىكې ماركىسى ئەتراپتىكى يېزا-بازارلار ھەمدە ناھىيە، شەھەرلەردە بەك داڭق چىقاردى» دېدى ماجىكې خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ۋۇيىن چىمىگ.

ياخشى ئارغىماق ئۇچقاندەك چاپىدۇ، ئۇزۇن كۈي لەرزان ھەم يېقىملىقلىقىدىن قۇلاققا ياقىدۇ. يېقىملىق ناخشا ئاۋازى، شادىيانە ئۇسسۇل، قۇلاققا ياقىدىغان كۈي ساداسى، بۇنىڭغا ماجىكې خاس مەھسۇلاتلىرى قوشۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ كۆرۈش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا جەلىپ قىلىپ، يېزا-كەنت خاس ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشتىكى كۆزنەك بولۇپ قالدى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشتىكى يېڭى يولىنى راۋانلاشتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ماجىكې خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ماجىكې ھەسىلى، يېشىل كالا-قوي گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، تۆگە سۈتى قاتارلىق ئون نەچچىگە كۆپەيگەن، سېتىش سوممىسى 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىشىكئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.