خىزمەت ئەترەتلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى

日期:2023年11月10日
来源:天山网
【字体:

يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئۆزىنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ قوشۇپ كەلدى. كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئامما دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قەلبى ئىللىقلىققا تولدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا بولغان ئىشەنچى ئۇرغۇدى.

​10-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى يېڭىتۇر 2-كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھوسۇل ئالغان ئانارلارنى كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ بازاردا ئۆستۈرۈلگەن ئانارلار ئۈزۈش-يىغىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئانارلارنى تېزدىن ئۈزۈپ يىغىۋېلىپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتتى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى يېڭىتۇر 2-كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئانار ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لې)

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىيلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەشپۈتلەرنى خىللىشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى بولۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىدىكى بىر قىسىم كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، پىدائىيلارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەشپۈت ئۈزۈپ، ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ سېتىشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىيلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەشپۈتلەرنى خىللىشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى بولۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىدىكى بىر قىسىم كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، پىدائىيلارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەشپۈت ئۈزۈپ، ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ سېتىشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاخېت يېزىسىدىكى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىندا، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ چاخېت يېزىسى چاگەن تۈڭگى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 15 پاختا يىغىش ماشىنىسىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى 76 مىڭ مو يەردىكى پاختىنى ئوڭۇشلۇق يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. خې چېڭچياڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە دېھقانلارنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار پارتىيە ئەزالىرىدىن پىدائىيلار كۈزلۈك يىغىم مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دولانا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. يېقىندا، دەرۋازا يار كەنتىدە تېرىلغان دولانا ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قىزىل پانۇسقا ئوخشاش دولانا شاخلىرىغا تولۇپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈپ، سېتىپ، قايناق ئالدىراش مەنزىىرە نامايان بولدى. ۋۇ لې فوتوسى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈچۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دولانا خىللىشىغا ياردەملەشمەكتە. ۋۇ لې فوتوسى

​10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈچۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دولانا سېتىشىغا ياردەملەشمەكتە. ۋۇ لې فوتوسى

يېقىندا، قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ ئايماق كەنتىگە كىرگىنمىزدە، كەڭ، راۋان ئاسفالت يوللاردا، قاتار-قاتار قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 2022 ـ يىلى 12ـ ئايدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئايماق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ، ئىشنى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاشتىن باشلاپ، 7 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئايماق كەنتىنىڭ غول يولى، سودا كوچىسىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ئۆزگەرتىپ، مۇھىتى گۈزەل، قاتنىشى راۋان، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى بەرپا قىلدى.(ئىختىيارىي مۇخبىر نەبىجان ئەزىز)

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 13 مىليون يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتى، خېنىباغ كەنتى ۋە جايتېرەك كەنتىگە 38.77 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، 19 تەبىئىي گاز بېسىم تەڭشەش ساندۇقى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىلاپان قۇدۇقىدىن توققۇزنى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن ياساپ، 640 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت قوغدايدىغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.(سىننى لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)


ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 13 مىليون يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتى، خېنىباغ كەنتى ۋە جايتېرەك كەنتىگە 38.77 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، 19 تەبىئىي گاز بېسىم تەڭشەش ساندۇقى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىلاپان قۇدۇقىدىن توققۇزنى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن ياساپ، 640 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت قوغدايدىغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سۈرەتتە: قۇرۇلۇش مەيدانى. ئابلىمىت ئابدۇللا فوتوسى

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارغا كۈزگى بۇغداينى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ياخشى ئاساس سالدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى شۇ جايدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دارىنلىرىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش ئارقىلىق «بۇلۇت ئۈستىدە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور رىياسەتچىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ياڭاق، چىلان قاتارلىق باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى نەنلياڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ شىڭخو كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لوبوۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى يىغىشىغا ۋە دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بەردى. پىدائىيلار 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ليۇشىخۇ يېزىسى شىڭخو كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لوبۇ ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىخۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ كۇرتۇ بازىرى كۇرتۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ كۈزلۈك ئوتلاق كۆچۈشنى قوغداش ئەترىتى قۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش داۋامىدا يەم-خەشەك تولۇقلاش ۋە چارۋا توپىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ قىشلاققا بىخەتەر يۆتكىلىپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.10-ئاينىڭ 20-كۈنى، پىدائىيلار چارۋىچىلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ئوتلاقتىن كۆچۈرۈشىگە ياردەم بەردى. لى رېنشى فوتوسى

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىخو خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن 15 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلىمى 320 مو كېلىدىغان مۇھىت قوغدايدىغان يېڭىچە باقمىچىلىق رايونى قۇردى، بۇ تىرىك چارۋا سويۇش- سودىلىشىش بازىرى، ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش، ئايرىش قوتىنى، تېزەكنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتى باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر چېتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىخو خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن 15 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلىمى 320 مو كېلىدىغان مۇھىت قوغدايدىغان يېڭىچە باقمىچىلىق رايونى قۇردى، بۇ تىرىك چارۋا سويۇش- سودىلىشىش بازىرى، ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش، ئايرىش قوتىنى، تېزەكنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى كەنت ئاھالىسىگە يەم- خەشەك ئارىلاشتۇرۇشۇپ بەرمەكتە.ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ جاغىستاي بازىرى باقىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىق بازىسىدا «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە سۇغىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. ھازىر، باقىت كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي تېرىش بازىسىدا تېرىلغان بۇغداي مايسىلىرى تەكشى، يىلتىزى جانلىق، يوپۇرماقلىرى قېنىق يېشىل ئۆسكەن. بۇ يىل بۇ ناھىيە 345 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ھازىر 290 مىڭ مو يەرنى «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە سۇغىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توڭ ياتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا يەنمىڭ)

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاڭچۈ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلىرىنى تېزدىن يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلەرنى يىغىشىپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لەن لىڭ)

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاڭچۈ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلىرىنى تېزدىن يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلەرنى توشۇشۇپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لەن لىڭ)