لوپ ناھىيەسىدىكى 640 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى

日期:2023年10月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشياردەم پۇل مەبلىغىدىن 13 مىليون يۈەنئىلتىماس قىلىپ، لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتى، خېنىباغ كەنتى ۋە جايتېرەك كەنتىگە 38.77 كىلومېتىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، 19 تەبىئىي گاز بېسىم تەڭشەش ساندۇقى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىلاپان قۇدۇقىدىن توققۇزنى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن ياساپ، 640 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت قوغدايدىغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

قۇرۇلۇش مەيدانى.

ئابلىمىت ئابدۇللا فوتوسى

لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىز ياسىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قىشتا مەشكە كۆمۈر قالاپلا ئىسسىناتتۇق، بۇ بىخەتەر ئەمەس ھەم ئاۋارىچىلىق ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيلىرىگە تەبىئىي گاز كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇ يىل بۇ ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بىزمۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭكىدەك تۇرمۇشنى ھېس قىلالايدىغان بولدۇق.»

قۇرۇلۇش مەيدانى.

ئابلىمىت ئابدۇللا فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 9-ئايدا باشلانغان.10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇنىۋېرسال سۈرئەت بويىچە بۇ تۈرنىڭ %92ى تاماملانغان، ھازىر ئوتتۇرا بېسىملىق تۇرۇبا يولى، تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبا يولى ئورنىتىپ بولۇنغان، ھازىر ئائىلىلەردە يېقىلغۇ گاز سائىتى، سىگنال بېرىش ئەسۋابى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلىۋېتىپتۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 11-ئاينىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.

قۇرۇلۇش مەيدانى.

ئابلىمىت ئابدۇللا فوتوسى

لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكبەر ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىبەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردى. تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش تۈرىدىن باشقا، بۇ يىل بىز يەنە مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇرمۇش يۇندىسىنى مەركەزلىك قويۇپ بېرىش، ئۆلچەملىك ۋاسكېتبول مەيدانى قۇرۇلۇشى، پۈتۈن كەنتنى كۆكەرتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرىنى تاماملاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى قولايلاشتۇردۇق.»

لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئابلىمىت ئابدۇللا

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى