چاغانتوقاي ناھىيەسى: «كىچىك پانۇسلار» بېيىش يولىنى يورۇتتى

日期:2023年10月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرىمىزخەن لياڭخەۋەر قىلىدۇ) «تاق، تاق» «تاق، تاق»، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى قوسقاباق كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتىدا، ئون نەچچە ئىشچى تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىگەدەسسەپ بىر تۈركۈم پانۇسلارنى ئۈلگۈرتۈپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «بۇ نەچچە ئايدا زاكاز بەك كۆپ، يېتىشىپ بولالمايلا قالدۇق، بۇ كېلەر يىلى يېڭى يىل بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ پۈتتۈرىدىغان پانۇسلار.» دېدى پانۇس زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ چىڭگو.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوسقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پانۇس ياساش ماھارىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىخەن لياڭفوتوسى

بۇ يىل 1-ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قوسقاباق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەش جەريانىدا، كەنت ئاھالىسى كەنتتە ياشانغانلارنىڭ بىرقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قىلالايدىغان ھەمدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدى.

«مەن توردىن ئىزدەپ، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى كىچىك لەڭگەر كەنتىدە پانۇس زاۋۇتى ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بيەن جيەنشياڭ. خىزمەت ئەترىتى كىچىك لەڭگەر كەنتىگە تېلېفون بېرىپ، پانۇس زاۋۇتى ئېچىشتىكى زۆرۈر شەرتلەرنى ئىگىلىدى. «پانۇس زاۋۇتى ئېچىش تەكلىپى كەنت كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى».

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوسقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پانۇس ياسىماقتا.تىيانشان تورى – شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىخەن لياڭفوتوسى

ئۇلار قىلىمىز دېگەننى قىلالىدى، قارابۇرا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، كەنت كادىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى كىچىك لەڭگەر كەنتىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پانۇس زاۋۇتى رەسمىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوسقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ياساپ بولغان پانۇسلارنى توشۇماقتا.تىيانشان تورى – شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىخەن لياڭفوتوسى

«مەن 1-قاراردا لەڭگەر كەنتىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاسىتىچى، كۆۋرۈك بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھازىر ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى پانۇس زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى 150 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ.» دېدى كەنت ئاھالىسى چيۇ جىپىڭ.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوسقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ بايراملىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.تىيانشان تورى – شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىخەن لياڭفوتوسى

قوسقاباق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن زېرېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر پانۇس زاۋۇتى 50 نەچچە خىل شەكىلدىكى پانۇسنى ياسىيالايدىكەن ھەمدە يېڭىدىن «جۇڭگو تۈگۈچى» قاتارلىق قول ھۈنەر توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.