مول ھوسۇللۇق يىلدا چىرايلاردا شادلىق جىلۋىلەندى، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن مول نەتىجە ئۈستىدە مۇڭداشتى

日期:2023年08月24日
来源:新疆日报
【字体:


     تىيانشان تورى خەۋىرى يېقىندا، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قوشساتما يېزىسىنىڭ سوغاقبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، نەشپۈتزارلىققا كېلىپ ئەمگەك كۈچى كەمچىل تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ بالدۇر پىشىدىغان نەشپۈتنى ئۈزۈشى، يەشىككە قاچىلىشى، توشۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشى ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتتە: پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ يېڭىلا ئۈزگەن بالدۇر پىشقان نەشپۈتلەرنى ساندۇقلارغا قاچىلىماقتا.