سۈرەتلىك ھېكايە丨«چارۋىچىلار ئارامگاھى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش ئىشىكى»نى ئاچتى

日期:2023年08月03日
来源:天山网
【字体:

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جوۋ جياچى ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان «چارۋىچىلار ئارامگاھى»دا يوتقان ـ كۆرپىلەرنى رەتلىمەكتە.

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭفوتوسى، خەۋىرى

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىخو شەھىرى بەيياڭگۇ بازىرى دۇڭشېڭ كەنتى ئۇلاستاي مەنزىرە رايونىدىكى خاۋكې «چارۋىچىلار ئارامگاھى»دا، ئەتراپنى كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىغانىدى، ساياھەتچىلەر قىزغىن، جۇشقۇن قارا جورغا مۇزىكىسىغا جور بولۇپقانغۇچە ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. «بۇ بىر نەچچە ئايدا سودا ناھايىتى ياخشى بولدى، كېگىز ئۆي ۋە تارقاق سۇپىلارھەر كۈنى توشۇپ كەتتى.» دېدى خاۋكې چارۋىچىلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جوۋ جياچى.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىمۇ جوۋ جياچى (ئوڭدا) تىجارەت قىلىۋاتقان «چارۋىچىلار ئارامگاھى»غا بېرىپ، ئۇنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشىغا ياردەملەشتى.

شىخو شەھىرى بەيياڭگۇ بازىرى دۇڭشېڭ كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، S101 لىنىيەسى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولايلىق، ئادەم ئېقىمى كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بەيياڭگۇ بازىرى دۇڭشېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى «چارۋىچىلار ئارامگاھى»، ئائىلىۋى قونالغۇ قاتارلىق ساياھەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جوۋ جياچى مېيىپ كىشى، ئىلگىرى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە كۈنلۈك ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، 2022 - يىلى خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ياشلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە پائال رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە كېگىز ئۆيلەرنى نىسبەتەن تۆۋەن باھادائىجارىگە بەردى، شۇنىڭ بىلەن جوۋ جياچى ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدى.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جوۋ جياچى ساياھەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ياتاق ئورۇنلاشتۇرماقتا.

«بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى ماڭا 100 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بېرىپ، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ بەردى، ئاساسلىقى كاۋاپ، داپەنجى، سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش قاتارلىق خاس تائاملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ھەر ئايدا 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن.» جوۋ جياچىنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يەنە ئۇنىڭ ئادەمئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ھەم تور ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سودىسىبارغانسېرى ياخشىلانغان.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ساياھەتچىلەر خاۋكې «چارۋىچىلار ئارامگاھى»دا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭشېڭ كەنتى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى پائال ياخشىلاپ، كەنتنىڭ جايلىشىشىنى پىلانلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى <چارۋىچىلار ئارامگاھى> ئېچىشقا يېتەكلىدى، ھازىر 57 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەن ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، دۇڭشېڭ كەنتى سەرخىل يېمەك ـ ئىچمەك يېزا - كەنت ساياھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىيېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.» دېدى شىخو شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بەيياڭگۇ بازىرى دۇڭشېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجىسى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ يەنبىن.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جوۋ جياچى ساياھەتچىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بېرىپ كەيپىياتنى جانلاندۇردى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى