شىنجاڭدىكى بۇ كەنتنىڭ قوغۇنلىرى چوڭ شەھەرلەردىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىغا تىزىلدى

日期:2023年07月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ فەندەن

«قوغۇنلىرىمنىڭ بېيجىڭغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مېنىڭ قوغۇن تېرىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈم تېخىمۇ ئاشتى!» قوغۇن ساتقان پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى يۇقىرى مۇغال كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇرەخمەت ھۈسىيىن خۇشال ھالدا.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خاڭدى بازىرى يۇقىرى مۇغۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېقىندا سېتىلغان قوغۇننىڭ پۇلىنى قوغۇنچى دېھقانلارغا نەق پۇل شەكلىدە تارقىتىپ بەردى.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خاڭدى بازىرى يۇقىرى مۇغۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېقىندا سېتىلغان قوغۇننىڭ پۇلىنى قوغۇنچى دېھقانلارغا نەق پۇل شەكلىدە تارقىتىپ بەردى.

سۈرەتنى خىزمەت ئەترىتى تەمىنلىگەن

«كېلەر يىلىقوغۇننى تېخىمۇ ياخشىتېرىپ، قوغۇنۇمنى چوڭ شەھەرلەرگىچە ساتىمەن.»

«تېخنىكلاردىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرىمەن.»

...

نەق مەيداندا، يۇقىرى مۇغال كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە شۇنداق دېيىشتى.

7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، بۇ كەنتنىڭ قوغۇنلىرى كۆپلەپ بازارغا سېلىندى. قوغۇننىڭ سېتىلىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغۇنغا ۋاكالەتچى بولۇپ، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ قوغۇن سېتىشىغا ياردەم بەردى.

خىزمەت ئەترىتى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يەنە «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش» ۋە «باھانى ئۆستۈرۈش» جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، قوغۇننىڭ تاشيول، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ھەققىنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى، خىزمەت ئەترىتى ئېتىز بېشىدىن ئايرودۇرۇمغىچە، ئايرودۇرۇمدىن سودا سارايلىرىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، قوغۇننى بېيجىڭ، چېڭدۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ساتتى. خىزمەت ئەترىتى سودىگەرلەر بىلەن كۆپ قېتىم ئۇدۇللىشىپ، قوغۇننىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسىنى 2.5 يۈەندىن 5 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى پايدىنى قاتلاپ، «ياخشى مەھسۇلات»نى «ياخشى باھا»غا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاسىتىچى بولدۇق، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىكى سودىگەرلەرنى كەنتكە كېلىپ نەق مەيداندا قوغۇن كۆرۈشكە ئالاقىلاشتۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يۇقىرى مۇغال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گاۋ شىجۈن مۇنداق دېدى:«سودىگەرلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىپ، قوغۇن تېرىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى.»

سودىگەرلەر يۇقىرى مۇغال كەنتىگە كېلىپ قوغۇننىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەمدە قوغۇننى تېتىپ كۆردى.

سۈرەتنى خىزمەت ئەترىتى تەمىنلىگەن

ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى توردا ۋە تور سىرتىدا دېھقانلارنىڭ 320 نەچچە ساندۇق جەمئىي 2200 كىلوگرامدىن ئارتۇق قوغۇننى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

گاۋ شىجۈن مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوغۇن سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىمىزنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوغۇنچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتتۇق. خىزمەت ئەترىتىمىزئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى