بۇ كەنتتە كۈمۈش رەڭلىك كاۋىلار دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى «ئالتۇن كاۋا»غا ئايلاندى

日期:2023年07月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىيېقىندا، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن 1-كەنتىدە تېرىلغان 1300 مو ئېگىزلىك كۈمۈش رەڭلىك بەنلى كاۋىسى پىشىش مەزگىلىگە كىردى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ كاۋا تېرىيدىغان تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ كاۋىسى «كاۋا يېيشىكە ئامراق ئامما»نىڭ يۈرىكىگە باردى، بۇ كەنت يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسىدەخاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ھەم دېھقانلارنىڭ «كۆكتات سېۋىتى»نى بېيىتتى، ھەم دېھقانلارنىڭ «ھەميان»ىنى تومپايتتى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسىدا، «ئېگىزلىك كۈمۈش رەڭلىك بەنلى كاۋىسى» تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىشىدۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندە، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسى 1-كەنتىدە پىشقان كۈمۈش رەڭلىك بەنلى كاۋىلىرىنۇرغۇن سودىگەرلەرنى كېلىپ زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلغان بولۇپ، بىر ماشىنا كاۋا بىردەمدىلا سېتىلىپ بولىدۇ. «ئاڭلىسام ئەرمۇدۇن يېزىسىنىڭ ئېگىزلىك كۈمۈش رەڭلىك بەنلى كاۋىسى ناھايىتى داڭلىق ئىكەن، مەن تېتىپ باقتىم، ھەقىقەتەن نامىنىڭ بىكارغا چىقمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۈگۈن، مەن 30 توننا سېتىۋالدىم، ئەرمۇدۇن 1-كەنتىدىكى لۇئەي يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى سودىگەر شيۇڭ خانىم.

بۇ يىل، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن 1-كەنتىدىكى خىزمەت ئەترىتى يەنە دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە پائال ياردەم بېرىپ، توردا سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. «كاۋىلىرىمىزپىشسا توردا ساتىمىز، بىز ھەر كۈنى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش بىلەن ئالدىراش، توردا ۋە تور سىرتىدا زاكاس چۈشۈرىدىغان ئادەم بەك كۆپ» دېدى جۇڭگو بانكىسىنىڭقەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسى 1-كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مېي جىيۇڭ.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسى 1-كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زىبىبۇللا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىزدىكى 1300 مودىن ئارتۇق ئېگىزلىك كۈمۈش رەڭلىك بەنلى كاۋىسى تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى، كاۋا سېتىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ھەمدە دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ۋېيشىن سودا شەھەرچىسى قاتارلىق تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەشۋىق قىلدى ۋە ساتتى، كېيىنكى مەزگىلدە بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە سىجىل ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشىمىز».