قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلىگە خۇشاللىق بېغىشلىدى

日期:2023年07月17日
来源:天山网
【字体:

مەنبە:يېڭىشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

بالىلارنى خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ-يىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئائىلە باشلىقلىرىنى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە خاتىرجەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. يېقىندا، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسى كارەندە (6) كەنتى «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»نى تەسىس قىلدى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرى ۋە كەنتكە قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

ئىگىلىنىشىچە، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» ئاساسلىقى تەۋەلىكتىكى 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن دەرسلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشقاقارىتىلغاندىن سىرت، يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، رەسىم سىزىش، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىلار ياقتۇرىدىغان، بىلىم ئىگىلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق، بالىلارنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ياخشى قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، ئۇلاردا ئەمەلىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىكەن.

ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئابدۇراخمانجان ئاۋۇت مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر دېھقانچىلىقنىڭئالدىراش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئادەتتىمۇ بىرقەدەر ئالدىراش، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايمىز، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئاچقان <قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى>پائالىيىتى بالامنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقنى ئىشلىشىگەيېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنەدەرستىن سىرتتېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەتتى، بالامنىڭ يازلىق تەتىلدىكى ئۆگىنىشى ۋە ئۇلارغا قاراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى».

«قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى» تەۋەلىكتىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقىنى تاماملىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يەنە تەۋەلىكتىكى بالىلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى، كېيىنكى قەدەمدە، بۇ كەنت «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى»نى داۋاملىق ئۆسمۈر-بالىلارنى دەرستىن سىرتقى ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە كەنتكە قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەت ئەمەلىيەت پائالىيىتى سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئۆسمۈر، بالىلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.