شىنجاڭ: خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە كاتتا بايرام ئۆتكۈزدى

日期:2023年07月06日
来源:天山网
【字体:

​ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى(مۇخبىررېن جياڭ) قۇربانھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېرىپ تۇراتتى، ھاۋا ناھايىتى ياخشى ئىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدا، ھەر مىللەت ئامما بايراملىقكىيىملىرىنى كىيىپ، قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئوينىدى،خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق مەنزىرىسى نامايان بولدى.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تارىم بازىرىلاڭقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى.

ئىختىيارىي مۇخبىريۈەن خۈەنخۈەنفوتوسى

گۈللەنگەن، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز. بۇ ئىللىقلىققا تولغان چوڭ ئائىلىدە، ھەر بىر بايرام بىزنىڭ ئورتاق خۇشال بولىدىغان ۋاقتىمىز ھېسابلىنىدۇ.بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەش ئارقىلىق، قويۇق شاد-خۇراملىق كەيپىياتىنى ھەر بىر بايرام مىنۇتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خۇشاللىقلارنى كىشىنى مەست قىلىدىغان ناخشا سادالىرى، لەرزان ئۇسسۇل قەدەملىرىدە چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرىمىز.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئارتىسلار قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا «چىنە ئۇسسۇلى» ئوينىماقتا.قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىردىڭ مىنفوتوسى

بايرامدا، كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى. چۈنكى ھەر بىر ئادەم كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. شاد-خۇراملىققا چۆمگەن بايرام مەزگىلىدە، كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەللىكلەر توغرىسىدا ئەركىن-ئازادە پىكىرلەشتى. كۈرەش ھەر بىر كۈننى يارقىن كۈنگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئەجىر سىڭدۈرۈش ھەر بىر ئاددىيلىقنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ.

بايرام شادلىقى جاپالىق تىرىشىشتىن كېيىنكى ھوسۇل شادلىقى، كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان بەخت گۈلى، جاپالىق ئەجىرلەردىن كەلگەنبەخت مېۋىسى.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چوغۇر بازىرى لۇڭگۇ كەنتىدىكى سەيخۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا كۆكتات ئۈزمەكتە.قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ، مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

ئىختىيارىي مۇخبىرخۇا يەنمىڭفوتوسى

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ خەلق مەيدانىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بايراملىقكىيىملىرىنى كىيىپ، خۇشال مەشرەپكە چۈشتى.

ئىختىيارىي مۇخبىرسۇ شىنفوتوسى

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسى تىيانشان بەيلى دەنشيا مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، ھەيۋەتلىك دەنشيا يەر شەكلىنى كۆرۈپ، تەبىئەتنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

ئىختىيارىي مۇخبىرتاۋ ۋېيمىڭفوتوسى

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاھالىلەر «ئاشپەز ئۇسسۇلى» ئوينىماقتا.شۇ كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى گوگوتەن مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئويۇن كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.