شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى رەڭدار خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى ئارقىلىق دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年06月26日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرياڭ بىنخەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەتئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «زۇڭزا تۈگۈپ دۇەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

6-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا يېمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياڭ بىنفوتوسى

6-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياڭ بىنفوتوسى

كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، ئۈستەلگە نومى گۈرۈچى، شېكەرلەنگەن چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، زۇڭزا يوپۇرمىقى قاتارلىقلار تىزىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئۆگىتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە «ئىتتىپاقلىق زۇڭزىسى»تۈگدى. گۈللىنىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۇ جياڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىرلىكتە زۇڭزا تۈگۈپ، قوشنىدارچىلىق مېھرىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدۇق».

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگمەكتە. شۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك تارماق شىركىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى چولاقجال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى.

ياڭ خۇاگۇاڭفوتوسى

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قىزىقارلىقپائالىيەتلىرىگە قاتناشماقتا.شۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك تارماق شىركىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى چولاقجال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى.

ياڭ خۇاگۇاڭفوتوسى

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا ناخشا ئېيتماقتا. شۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك تارماق شىركىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى چولاقجال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى.

ياڭ خۇاگۇاڭفوتوسى

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر پائالىيەت نەق مەيدانىدا بىرلىكتە زۇڭزا تۈگمەكتە. سانجى شەھىرى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى ليۇشۇشياڭ كوچىسى مەھەللىسى «زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدىنى تارىتىپ دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش قەلبلەرنى ئىللىتىپ قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان دۇەنۋۇ بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زۇڭزا تۈگۈش مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلدى.

ياڭ بىنفوتوسى

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر خۇشپۇراق خالتا ياسىماقتا. يېقىندا، چۆچەك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ شىنچېڭ كوچىسى دۇڭمېنۋەي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى «قەغەز قىيما، خۇش پۇراق خالتا ياساش، دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل نامىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» باش تېما پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. نەپىس قەغەز قىيما ئەسەرلىرى ۋە خۇشپۇراق خالتىلار دۇەنۋۇ بايرىمىغا قويۇق شاد-خۇشاللىق كەيپىياتى قوشۇپ، دۇەنۋۇ خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئاھالىلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قويۇق دۇەنۋۇ بايرىمى كەيپىياتى ياراتتى.

ۋاڭ پۇفوتوسى