ئىككى جايدىكى ئۈچ كىشىنىڭ كۈچ ئۇلاپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشى

日期:2022年04月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو، ئىختىيارىي مۇخبىر فەن جاۋبىن

«ۋاڭ ئاكا، سىز مېنىڭ شەپقەتچىم، سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن قانداق قىلىشىمنى بىلمىگەن بولاتتىم!» دېدى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىكېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىۋول يېزىسى خۇجۇلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا، كەنت ئاھالىسى ئايىمنىسا بەيدۇللا بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ۋاڭ خۇينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئايىمنىسا خېلى ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى.

ئىشنى بۇ يىل 1-ئايدىكى بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 11لەردە، ئەمدىلا خىزمىتىنى تۈگەتكەن ۋاڭ خۇي تېخى ئۇخلىمىغانىدى، تۇيۇقسىز يان تېلېفونى سايرىدى، تېلېفوندا بىر ئايال يىغلاپ تۇرۇپ ۋاڭ خۇيدىن ياردەم سورىدى.

«ۋاڭ شۇجى، ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىڭ، مەن راستىنلا ئامالسىز قالدىم!»

«نېمە ئىش بولدى؟ ئالدىرىماڭ، مەن چوقۇم سىزگە ياردەم قىلىمەن!»...

ۋاڭ خۇي تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، تېلېفون بەرگۈچىنىڭ ئايىمنىسانىڭ ئائىلىسىدىكى گۈلسەيدىخان روزى ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇ كۈنى، ئايىمنىسا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتاتتى، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا، ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقان ئايىمنىساغا قان ئازلىق سەۋەبىدىن جىددىي قان بېرىشكە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىنىڭ قان ئامبىرىدىكى قان مىقدارى يېتەرلىك بولماي قالدى. ئايىمنىسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرمۇ ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغاچقا، بارلىقدوست-بۇرادەرلىرى، يېقىنلىرىغا تېلېفون ئۇردى، ئۇلار ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئەتىسى يېتىپ كېلەلەيتتى. جىددىي ئەھۋالدا، ئۇلار ۋاڭ خۇينى ئېسىگە ئالدى.

«قورقماڭ، مەن ھازىر سىزگە ياردەملىشىدىغان ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىمەن.» ۋاڭ خۇي قارشى تەرەپكە تەسەللى بېرىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال ئۈرۈمچىدىكى يېقىن دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئايىمنىسانىڭ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان ئىككى دوستىنى تاپتى.

سائەت نۆلدىن ئاشقاندا، ۋاڭ خۇينىڭ ئىككى يېقىن دوستى دوختۇرخانىنىڭئوپېراتسىيە ئۆيى ئالدىغا يېتىپ كەلدى. «سىز گۈلسەيدىخان بولامسىز؟ ۋاڭ شۇجى بىز بىلەن ئالاقىلەشتى، بىز قان تەقدىم قىلغىلى كەلدۇق.» رەھمەت ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيلا، گۈلسەيدىخان ئىككىيلەننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «مەن سىلەرنى باشلاپ باراي!» دېدى.

ناھايىتى تېزلا 400 مىللىلىتىرقانئوپېراتسىيە ئۆيىگە يەتكۈزۈلدى، تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، دوختۇر ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن چىقىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئاغرىقنىڭ ھاياتى خەۋپتىنقۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئايىمنىسانىڭ خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 1000 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ۋاڭ خۇينىڭ جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىمۇ بوشىدى.

گەرچە ئوپېراتسىيە تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنە بىر مەزگىل كېتەتتى. «ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەن سىزگە ياردەملىشىپ دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ بېرىمەن، كەنت ئاھالە كومىتېتىمۇ ئايىمنىساغا 3000 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېرىدۇ.» ۋاڭ خۇي تېلېفوندا گۈلسەيدىخانغا ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خاتىرجەم خەۋەر ئېلىپ، ئۆيىگە تىنچ-ئامان قايتىشنى تاپىلىدى.

بۇلارنى ئاڭلاپ، ئايىمنىسا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبى باھاردەك ئىللىپ كەتتى.

ئۈچ سائەتتە، ئۈچ ياخشى نىيەتلىك كىشى ئورتاق كۈچ ئۇلاپ، بىر ئائىلىنى خاتىرجەم قىلدى.