يېڭىسار ناھىيىسى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 100 ياشلىق موماينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

日期:2019年03月25日
来源:天山网
【字体:

«مەن بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك موماي، كۆپچىلىكنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە رەھمەت!» دېدى 100 ياشلىق موماي ئايزىمخان يۈسۈپ تەسىرلەنگىنىدىن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى ماڭشىن يېزسى ياتۈگمەن كەنتىدىكى موماي ئايزىمخان يۈسۈپكە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن، بۇ كۈن دەل ئۇنىڭ 100 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى. شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ ياتۈگمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس بىر چوڭ تورتنى بۇيرۇتۇپ، موماينىڭ 100 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غۇپۇر سايىت كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ۋەكىل بولۇپ مومايغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بەردى، ئۇ موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:«<ئائىلىدە ياشانغان كىشىدىن بىرسى بولسا، ئۇ گۆھەرگە ئوخشايدۇ>، سېلى بۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكلىرىنى ياخشى ئاسراپ، بىز بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولسىلا.» دېدى.

شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق باش يېتەكچى ئەنۋەر مەسۇم مومايغا تورت ئۈستىدىكى شامنى ياندۇرۇپ بەردى ھەمدە كەنت كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى بارلىق كادىرلار بىلەن بىرلىكتە مومايغا بەخت تىلىدى. ئارقىدىن، كۆپچىلىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇشال مېنۇتلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ