«ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان ياخشى كادىر»

日期:2022年01月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل ئىسمايىل خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ تۇرخۇن بىلەن خوچياڭنىڭ ئارىلىقىدا ئازراق يوچۇق بار ئىكەن، دەرھال لاي چاپلىۋېتەيلى.» 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چېڭ جۈەنجۈەن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا كەنتئاھالىسى تۇراخان غوجىئابلانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بېرىش ئەسۋابى، ئوت ئۆچۈرگۈچ، توك يولى، ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈردى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

چېڭ جۈەنجۈەن دۆلەت باج باش ئىدارىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئاقتېكەندۆڭ يېزىسى توغراقئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى. «سەمىمىي، سەۋرچان، ئىنچىكە بولۇش ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭگۈشتەر.» چېڭ جۈەنجۈەن دائىم مۇشۇ گەپ بىلەن ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

2020-يىلى 5-ئايدا كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، چېڭ جۈەنجۈەن قارىماققا نازۇك، لېكىن خىزمەت قىلغاندا غەيرىتى تولۇپ تاشقان، سۈرەتكە تارتىش، ماتېرىيال يېزىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماھىر بولۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزاسى بولۇپ قالدى.

كەنت ئاھالىسى قۇربان غوجىئابلانىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايئىزچىل ئۆيىدە ئىدى، بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئائىلە بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، ھەم مۇقىم،ھەم ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان خىزمەت تېپىش ئۇنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشىبولۇپ قالدى.

كەنتتە تۇرغاندىن باشلاپ، چېڭ جۈەنجۈەن توغراقئېغىل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە قۇربان غوجىئابلانىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسىبىر قەدەر ياخشى، كومپيۇتېر بىلىدۇ، دېگەندەكئۇچۇرلار تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، قۇربان غوجىئابلانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، چېڭ جۈەنجۈەن ئۇياق-بۇياققا چېپىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى.

«مەن ھازىر بىر ئىجتىمائىي كاپالەت خادىمى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپلا بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، خوتۇنۇمغا بەزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىمەن، جۈەنجۈەننىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت» دېدى قۇربان خۇشال ھالدا.

كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش چېڭ جۈەنجۈەننىڭ خىزمىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك خىزمەت بولۇپ قالدى. ئاپئاق تېرىسى ئاپتاپتا ساغلام بۇغداي ئۆڭبولدى، خىزمەت خاتىرىسى بىر پارچىدىن بىر دەستىگە ئايلاندى. كىمنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغان كىشىنىڭسالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، كىمنىڭ ئۆيىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكىئەمگەك كۈچى كەمچىل ... ئۇ ھەممىنى تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇپ، 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلدى.

بۇلتۇر 5-ئايدا، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، چېڭ جۈەنجۈەن كەنت ئاھالىسى ئايشەم ئەمەتنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ، كۆزلىرىنىڭ نۇرسىزلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق،ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولماي قالغانلىقىنىبىلدى، چېڭ جۈەنجۈەن نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئايشەمگە ھەمراھ بولۇپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئايشەمنى تەكشۈرتتى، ئايشەمگە ئۆت نەيچىسى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

يۇقىرى داۋالىنىش خىراجىتى ئايشەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى غەمگە سېلىپ قويدى. «كېسەل بولسا داۋالىتىمىز، ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار، يېنىمىزدىن ئۇنچە كۆپ پۇل كەتمەيدۇ.» چېڭ جۈەنجۈەننىڭ زېرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ئايشەم ئاخىرى ئىدىيەۋى يۈكتىن قۇتۇلۇپخاتىرجەم داۋالاندى.

كېيىنكى بىر ئايدا، چېڭ جۈەنجۈەن ئايشەمنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، داۋالاشماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئايشەمنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى.

«ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان ياخشى كادىر، ھازىر سالامەتلىكىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، جۈەنجۈەننىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت» دېدى ئايشەم مىننەتدار بولغان ھالدا.

«ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا خىزمىتىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.» چېڭ جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: سەمىمىيىتىم، سەۋرچانلىقىم ۋە ئىنچىكىلىكىم بىلەن ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.