يەنجى ناھىيەسى: ئېتىز-ئېرىق بېشىدا كادىرلار ئالدىراش بولدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى دېھقانلارنى شادلاندۇردى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يۇڭنىڭ بازىرىنىڭ ماليەنتەن كەنتىدىكى نامرات ئاھالە راخمان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ كېلىپ خۇشال ھالدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشىيالىرىنى توكسىكلىتىغا باستى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇۋاتاتتىم، بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە ماڭا خىمىيىۋى ئوغۇتنى ئالاقىلىشىپ بېرىشكە ماقۇل بولۇپ، كۆز ئالدىمدىكى قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىگە ھەقىقەتەن بەك رەھمەت!

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنجى ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يۇڭنىڭ بازىرى ماليەنتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ناھىيە بويىچە قانات يايدۇرۇلغان قىشلىق كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدە، كەنت كادىرلىرى ماليەنتەن كەنتىدىكى بىر قىسىم نامرات ئاھالىلىكنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىككى توننا خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دىئامىن، 400 كىلوگىرام ئۇرۇق ھەم دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشىيالىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، «نامراتلارغا ياردەم بېرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت يەتكۈزۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەملىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 15 نامرات ئائىلىگە ھەقسىز يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

ماليەنتەن كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدىكى رابىيەم باقىنىڭ ئېتىزلىقىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەڭلىرىنى تۈرۈپ، ئوتىغۇچلىرىنى كۆتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىغا ئۇرۇق، ئوغۇت سېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ