تۇرپان شەھىرى: توردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ قەلبىگە سىڭىپ كىرىش

日期:2021年12月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن، تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ما جيەنشەن

«كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر! سىلەرنىڭ ‹بۈگۈنكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسى›نى ئاڭلىشىڭلارنىقارشى ئالىمىز...» ھەر كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سىڭگىم يېزىسى قەستۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئۆمەر لېتىپ شۇ كۈنى ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى ۋىيشىن توپىغا يوللاپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.

دېھقان پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بۇ خىل توردا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. «مەن ھەر كۈنى ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادەتنىئىزچىلساقلاپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن يېشىم چوڭىيىپ قالغاچقا، بىردەم كىتاب كۆرسەملا كۆزۈم تورلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋىيشىن توپى مېنىڭ ئۆگىنىشىمدىكى ‹ياخشى ياردەمچىم›بولۇپ قالدى. ھازىر، يان تېلېفوندا ۋىيشىن توپىنى ئاچساقلا، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئاڭلىيالايمىز. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى يەنە تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن» دېدى قەستۇر كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى پاتەمخان ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋىيشىن توپى قۇرۇش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئۆمەرنىڭ ئىزدىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ھەر كۈنى كەچتە، ئۆمەر ئەتىسى ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى رەتلەيدۇۋە ئۈنگە ئالىدۇ، ئۈنگە ئالغانداكەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشى تەس بولغانمەزمۇنلارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىقچۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۈنگە ئالغان ماتېرىياللىرىنى دەل ۋاقتىدا ۋىيشىن توپىغا يوللاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

ئۆمەر يەنە يېڭىلىق يارىتىپ ئۇلاپ بېرىش، مەخسۇس تېما قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش، سۆزلەش ۋە ئاڭلاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ۋىيشىن توپىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئاز بولغاچقا، ئۆگىنىش ئۈنۈمىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ھازىر، بىز كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.» تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قەستۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ھەسەنجان ياسىن مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ئۆگىنىشكە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى قوشتۇق. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى توپتا مۇزاكىرە قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-چارە كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋىيشىن توپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكلىپۋە ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق».

قەستۇر كەنتىدىكى ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىئۈچتىن بەشكىچە گۇرۇپپا ئەزاسىنى قەرەلسىز ھالداتەشكىللەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىباشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي تېكىستنى ئۆگەندى، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇدى، ئۆگىنىشكە قاتناشقان ھەربىر پارتىيە ئەزاسى بىر باش تېما مەزمۇننىباشلامچىلىقبىلەن ئۆگەندى، يەنە «مىكرو پارتىيە دەرسى» شەكلىدە تونۇشىنى يۈزتۇرا بايان قىلىپ، تەسىرات سۆزلەپ، ھەممە ئادەم سۆزلەپ، كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىراتلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى مەۋقەنى تەۋەلىك رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، ۋىيشىن توپى، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، بىللە ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ قاتلام بويىچە قانات يايدۇرۇپ،پارتىيە دەرىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوبۇل قىلالىشى، چۈشىنەلىشى، نەپكە ئېرىشەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىتىپ،قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.