ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتى «شېكەر مانتا»غا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى

日期:2021年12月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) «لوبەن، بىزگەئورۇن ئېلىپ قويۇڭ، بۈگۈن چۈشتە بىز ئون نەچچىمىز تاماق يېگىلى بارىمىز...» 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەندىلا، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتى نىلو ئاشخانىسىنىڭ دۇكان ئىگىسى ئەلا سەمەت ئورۇن زاكاز قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«ئاپلا، سەت بولدى، بۈگۈن چۈشتىكى ئورۇن زاكاز قىلىنىپ بولغانتى.» ئەلا شۇنداق دەپ تېلېفوندا كەچۈرۈم سورىدى.

بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئەلا ئازغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2019-يىلىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەنجۈر ئۆستۈرۈشكە تايىنىپتۇرمۇش كەچۈرەتتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ پارچە-پۇرات ئىش قىلاتتى، كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، تۇرمۇشىمۇ غورىگىل ئىدى. 2019-يىلى 7-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، ئەلا بۇ ئاشخانىنى ئاچتى. 2020-يىلى 5-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاشخانىنى قايتىدىن لايىھەلەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، قورۇمىلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى.

ئەلا مۇنداق دېدى: ئازغان كەنتى «ئەنجۈر ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ «ئالتۇن خەتلىك ماركا»غا تايىنىپ، ئاشخانىنىڭ سودىسى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر يەنە ئەنجۈر كاۋاپ، ئەنجۈر سامسا، ئەنجۈر داپەنجى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئەنجۈر ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىبازارغا سېلىندى. «بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدىغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بەك يېيىشلىك بوپتۇ دەيدۇ!»ئاشخانىسىنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەلانىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئازغان كەنتى ئەنجۈر كەسپىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، تېرىقچىلىق ۋە پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 3-كەسىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، ئېكولوگىيە ئىناق بولغان ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئەنجۈر +» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنجۈر بىلەن ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، تېرىقچىلىق، پىششىقلاش كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتكە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. 2021-يىلى، ئازغان كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12084.39 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1402.08 يۈەن ئاشىدىغانلىقى؛ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 875 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 570 مىڭ يۈەن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ يىل، ئازغان كەنتى 2021-يىللىق جۇڭگونىڭ گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى ۋە دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

بىزنىڭ كەنتنىڭ ئېغىزىدىكى ۋىۋىسكىغا «ۋاقىت سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئەمما بەخت ئازغان كەنتىدە سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ» دەپ يېزىلغان. ھەر قېتىم بۇ خەتنىكۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، ھەربىر مىنۇت، سېكونتنى قەدىرلىگەندىلا، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزەلەيمەن» دېدى ئەلا.

«ئازغان كەنتى داۋاملىق ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايون ئورنى، بايلىق، خاسلىق، ئېكولوگىيە قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دەرەختىكى <شېكەر مانتا> ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى شېرىن تەمگە ئىگە قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىلى دېشىن.