پارتىيە مەكتىپىنى دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە قۇرۇش

日期:2021年11月02日
来源:天山网
【字体:

سۇڭ ۋېيگو

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى بۇ يىل 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى قۇرۇپ، ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولغان قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئارقا تىرەك بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ رولىغا تايىنىپ، ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلىدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە مەكتەپلىرىدىكى تەربىيەلەش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ كەلدى، لېكىن تۈرلۈك شەرت-شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ «يۇقىرى ئۆلچەمدە» تەربىيەلىشىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى.

دېھقان پارتىيە ئەزالىرى ئۇزاق مۇددەت كەنتتە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز ـ ھەرىكىتى، سىياسەتنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش - يايدۇرالماسلىقىدا دېھقان پارتىيە ئەزالىرى مەلۇم دەرىجىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «بىر ئىشخانىنى كۆپ خىل ئىشلىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت دەرىجىلىك دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش سىنىپىدىن پايدىلىنىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» بويىچە تۇغقانلاشقان كادىرلار، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق كۆپ خىل بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىش، مۇھىم، زور يىغىنلارنى ئېچىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا دېھقان پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەپ، ھەم دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلىدى، ھەم پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاممىغا ھەقىقىي ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، سىياسەت تەشۋىقاتىنى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى تولۇق ئۆزلەشتۈردى، ھەربىر سائەتلىك دەرستە پەقەت سىياسەت ئىچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نۇقتىنىلا سۆزلەپ، چوڭقۇر ۋە تولۇق سۆزلەپ، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى «چۈشىنەلەيدىغان، ئېسىدە تۇتالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان» ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل 89 ياشقا كىرگەن ئوبۇل ھاشىم 1955-يىلى 5-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلىشىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «بىز چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر بىلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى، بىز يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بۇ ياخشى سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىمىز، بۇ چارە ياخشى ئىكەن!»