دېھقانلار مول ھوسۇل ئالدى∣شىنجاڭ گۇچۇڭ: لازا بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2021年08月31日
来源:天山网
【字体:

ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، ما جيانىڭ

8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى لازا تېرىقچىلىق بازىسىغا كىرگىنىڭىزدە، لازىلارنىڭ شاخلىرىنى بىر ئېلىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىكۆرىسىز، 300 مو يەرگە تېرىلغان سىپىڭتۇ لازىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەنىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ليۇشۇخېزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى يېڭى لازىلارنى ئۈزۈپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى لازا كەسپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سورتلارنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىش، پەرۋىش قىلىشسەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، سىپىڭتۇ لازىسى شىبېيۋەن بازىرىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «قىزىل بانكا»غا ئايلاندى.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى