مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن∣دېھقانلارنىڭ ھوسۇل يىغىشىغا ياردەم بېرىش ئالدىراشچىلىقى

日期:2021年08月30日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 19-كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالدۇر پىشار ئالمىسىنى ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. يەن شۇۋلىن فوتوسى

ئانار بۇلۇت خەۋىرى نەچچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى نېفىتلىك رايونى مۇلازىمەت ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كۆكيار بازىرى كۆكيار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.