شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى: كەپتەر باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

日期:2021年08月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتورلار: ھۆرىگۈلمەمەتجان، مەمەتئېلى ئەنۋەر

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىنىڭ خالۋاپ كەنتىدىكى خەلققە ياردەم بېرىشكەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىداكەپتەر قەپەزلىرىقاتار-قاتاررەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەپتەرلەر توختىماي بۇقۇلدايتتى. تېخنىك خادىملار كەپتەر قەپەزلىرىئارىسىدا ئالدىراش بولۇپ، كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى ۋە خاتىرىلەيتى.

خالۋاپ كەنتىدىكى كۆپىنچەكەنت ئاھالىسىنىڭكەپتەر بېقىش ئادىتىگە قارىتا، 2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ خالۋاپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭخەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئىلمىي باقمىچىلىق ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرى پايدا ئېلىپ، كەپتەر بېقىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئاشتى. 60 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى «نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى + ئۆزى توپلىغان مەبلەغ» شەكلى ئارقىلىق يەنەكەپتەر باقمىچىلىقى بىرلەشمە گەۋدىسىدىن ئۈچنى قۇردى.

نۆۋەتتە، كەنتتىكى خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئۈچ باقمىچىلىق بىرلەشمە گەۋدىسىدە جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق كەپتەر بېقىلىپ، 129 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدىكى خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى سەيدىمەخمۇت سىراجەخمەت كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدىكى خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى سەيدىمەخمۇت سىراجەخمەت كەپتەر تۇخۇمى يىغماقتا. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدىكى خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى سەيدىمەخمۇت سىراجەخمەت (سولدا) بىلەن بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرى تۇردىمەمەت روزىمەمەت بىرلىكتە كەپتەر تۇخۇمىنى تەكشۈرمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدىكى خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەرچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى سەيدىمەخمۇت سىراجەخمەت (سولدا) بىلەن بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرى تۇردىمەمەت روزىمەمەت بىرلىكتە كەپتەرلەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى)

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى