«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئەل قەلبىنى ئىللىتتى تەرەققىياتنى تۇتۇش خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

日期:2019年03月11日
来源:新疆日报网
【字体:

پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئەلنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئەلرايىغا بېقىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

باش ئەتىيازدىكى سەھەردە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى كاسا شاخلىق كەنتىدىكى ئېتىزلاردا بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ 1500 مو كۆكتات بازىسى، ئالدىدىكى زاۋۇت ئۆيى قۇندۇز توشقان باقمىچىلىقى رايونى، ئاۋۇ يەرگە موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرماقچىمىز» دېدى بۇ كەنتنىڭ 1- شۇجىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر ئادىل خۇشال ھالدا مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرىنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، كەنتنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلدى. كادىرلارنىڭ سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىدىيە سەپەرۋەرلىكى قىلىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى قاينام - تاشقىنلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئاتلاندۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتتى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى.

■نامرات ئاھالىنىڭ تەرەققىيات تىزىملىكى بار بولدى

«قانداق كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، قەيەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، ھەربىر ئائىلىنىڭ كونكرېت لايىھەسى بار.»

«بۇ يىل كەنتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىدا چاتاق يوق!» دېدى ئەنۋەر، ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ خىزمەت ئەترىتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ بارلىق نامرات ئاھالىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ چىقتى. «بىز ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى <ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>، ھەممە ئائىلىگە بارىمىز. قانداق كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، قەيەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، ھەربىر ئائىلىنىڭ كونكرېت لايىھەسى بار» دېدى ئۇ.

كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ، ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ، كادىرلار ھەربىر نامرات ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلىدى، شۇڭا ئوي - پىكرىنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويالىدى، كەنت ئاھالىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن تېزلا بېكىتەلەيدىغان بولدى، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولدى.

«كەنتىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت، يەنە 164 نامرات ئاھالە بار» دېدى ئەنۋەر. 2- ئاينىڭ 20- كۈنى قاق سەھەردە، ئۇ شايار ناھىيەسىگە كېۋەز پەرۋىش قىلغىلى بارىدىغان 20 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇزىتىپ قويدى. ھازىر كەنتتە 415 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ نامرات ئاھالە بار.

بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسىگە ياردەملىشىپ خۇبېيدىكى بىر كارخانا بىلەن ئالاقىلەشتى، 14 جۈپ ئەر - خوتۇن شۇ يەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. چاغان ئالدىدا، دەم ئېلىشقا كەلگەن بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ دېيىشىچە، ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمىنى قوشقاندا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا 90- 80 مىڭ يۈەن پۇل يىغالايدىكەن، پۇل تاپقاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. بۇ ئىش كەنتتىكىلەرگە خېلى تەسىر كۆرسەتتى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

«بۇ يىل يېڭىدىن 145 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.» ئەنۋەر مۇخبىرغا بۇ يىلقى تەرەققىيات تىزىملىكىنى تەپسىلىي ساناپ بەردى، نىشان دەل، ئېنىق ئىدى.

بۇلتۇر كەنت 1500 مو يەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆكتات بازىسى قۇردى، بۇ يىل سەۋزە، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىقلارنى تېرىدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىككى كىرىم مەنبەسى بار بولدى: يەرنى ئوبوروت قىلىش كىرىمى ۋە ئىشلەمچىلىك ھەققى.

كەنتتىكى 427 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلا - ئارىنىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى، بۇ يىل زور كۈچ بىلەن ھويلا - ئاران ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئۇرۇقلۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى كۆكتات توپ سېتىش سودىگىرى تەمىنلەيدۇ، سېتىشقىمۇ ئۇلار مەسئۇل بولىدۇ، كەنت ئاھالىسى پەقەت تېرىپ، پەرۋىش قىلسىلا بولىدۇ.

كاسا شاخلىق كەنتىدىكى نۇقتىلىق كەسىپ توشقان باقمىچىلىقى، بۇ يىل توشقان باقىدىغان نامرات ئاھالىنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھازىرقى 50 ئائىلىنى 100 ئائىلىدىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ.

بۇ كەنتتە ياغاچچىلىق ھۈنىرى بارلار خېلى كۆپ، خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ، 35 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆلچەملەشكەن موگۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى تۇرغۇزۇلدى، ھاۋا ئىللىسىلا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، بازا 200 ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىدۇ.

■ئاممىنى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش

«كۆپچىلىك بىزگە ئەگىشىپ ئىشلىسە، چوقۇم پايدا ئالىدۇ.»

«ياشلار ھەرىكەتكە كەلدى، 50- 60 ياشلىق نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ، ھازىر كەنتتە قۇرۇلۇش تۈرلىرى كۆپ، ئىش ئورنىمۇ كۆپ.» بۇنىڭدىن ئەنۋەر ناھايىتى خۇش بولدى.

بۇلتۇر 3- ئايدا، ئەنۋەر كاسا شاخلىق كەنتىگە كېلىپ كەنتتە تۇرغانىدى، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېسىمنىڭ يېنىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئەنۋەر مۇنداق دېدى: كەنتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن يول بولۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەلەپ قىلغان: ئىستىلدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ قول سېلىپ، ئۇنى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە قويۇش كېرەك. «بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز» دېدى ئەنۋەر.

خىزمەت ئەمدىلا قانات يايدۇرۇلغان چاغدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى كادىرلار ھەركۈنى ئاران تۆت - بەش سائەت ئۇخلاپ، زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ھەر تەرەپتىن يول ئىزدىدى، تەدرىجىي ئوي - پىكرى ۋە لايىھەسى بار بولدى.

ئەنۋەر ئىلگىرى ئىزچىل يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلغاچقا، يېزا ئىگىلىكىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ كەنتتىكى نۇرغۇن يەرنىڭ ياخشى پايدىلىنىلمىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆكتات توپ سېتىش سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلىپ، كۆكتات بازىسىدا سەۋزە تېرىدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى. سەۋزە بۇغداي يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن تېرىلىدۇ، نورمال ئاشلىق تېرىقچىلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن باشتا ھېچكىم قىلىشنى خالىمىدى− كەنت ئاھالىلىرى ساتالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتى.

كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا، ئەنۋەر ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىرىق قىلدى: «كۆپچىلىك بىزگە ئەگىشىپ ئىشلىسە، چوقۇم پايدا ئالىدۇ.» ئارقىدىن ئۇ يەنە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى، 62 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى تېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

ئەينى يىلى، 62 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى تېرىغان 300 مو سەۋزە، 11- ئايغا كەلگەندە قەرەلىدە كۆكتات توپ سېتىش سودىگەرلىرى تەرىپىدىن تولۇق سېتىۋېلىندى، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى، ياخشى پەرۋىش قىلىنغان، ھوسۇلى يۇقىرىلىرىنىڭ 4000 يۈەندىن ئاشتى.

مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، 58 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئىگەمبەردى ئەخمەت ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ ئاپتاپسىنىۋاتقان بولۇپ، ناھايىتى مەمنۇن كۆرۈنەتتى. بەش ئاي ئىلگىرى ئۇ ياڭاق دەرىخىنى پۇتاۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى دەرەخ شېخى بېسىۋېلىپ يارىلانغانىدى، يەنە بىرقانچە ئاي ئارام ئېلىپ كۈتۈنسە ئاندىن ھاسىنى تاشلىيالايتتى. «غەم قىلمايمەن، ئاستا - ئاستا داۋالىنىمەن» دېدى ئۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن.

ئىگەمبەردى سەۋزە تېرىشقا ئەڭ ئاۋۋال قايىل قىلىنغان بولۇپ، ئالتە مو يەردىن خېلى كۆپ كىرىم قىلىپ، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغانىدى. ئۆيىدە بېقىۋاتقان 54 توشقىنى كۆپىيىپ 300 نەچچىگە يېتىپ، يەنە ئاز كەم 2000 يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: توشقان بېقىشقا ھېچقانچە كۈچ كەتمەيدۇ، ھاسىغا تايىنىپمۇ قىلغىلى بولىدۇ، ماڭا يەنە 300- 200 توشقان بەرسىمۇ بېقىپ كېتەلەيمەن.

■بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئاسانلاشتى

«پۇل تېپىش يولى كۆپەيدى، ھەم پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىغان بولدۇق.»

كەنتتە قۇرۇلغان قاراقاش ناھىيەلىك تيەنجياڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇندۇز توشقان باقمىچىلىق رايونىدا، شۇنچە چوڭ زاۋۇت ئۆيى ئىچىدە توشقان قەپەسلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، كەنت ئاھالىسى رازىيە نۇرمەمەت ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ، پىشقان تېخنىكسى بىلەن توشقانلارغا ۋاكسىنا ئەملەۋاتاتتى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇ تېخنىك بولۇپ، يەم بېرىش، نەسىللەندۈرۈش، ئىممۇنىتېتلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر تېخنىكا بىلىمەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن.

«كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى دۆلەتنىڭ قوتان قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 2015- يىلىدىن بۇيان 300 قوتان سالدى، بىز گەنسۇدىكى توشقان باقمىچىلىقى كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇ ئاڭلاپ بەك قىزىقتى ھەم ناھايىتى تېزلا ماكانلاشتى» دېدى ئەنۋەر.

كارخانىنىڭ كۆزلىگىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، پۇقرالارنىڭ باقمىچىلىق قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىدى، شۇڭا قىسقىغىنا بىر ھەپتىدىلا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. باقمىچىلىق مەيدانى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلدى، يەنە ھەربىر نامرات ئائىلىگە 50 نەچچە توشقان تارقىتىپ بەردى، ئىگەمبەردىنىڭ ئائىلىسىدىكى توشقانلار مانا مۇشۇنداق كەلگەن. كارخانا نەسىللىك توشقان، يەم - خەشەك، توشقان قەپىسى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە باقمىچىلىق، نەسىللەندۈرۈش، يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

نامرات ئائىلىلەرنى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېغىزنىڭ بىر قات تېرىسىمۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك پايدىنى كۆرۈپ، توشقان تارقاتسىلا تالىشىپ ئالىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئاسانلاشتى. كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆپچىلىكنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ياخشى ئامال ئويلاپ چىقتى، بىز ھەممىمىز ئۇلارغا ناھايىتى ئىشىنىمىز.

مۇخبىر كەنت ئاھالىسى ئابدۇلېتىپ ياسىننىڭ ئۆيىدىكى توشقان ئۇۋىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى، ئىشىك ئالدىغا تېخى تېلېكامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆيىدىكى كومپيۇتېردا ھەرۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدىكەن. تەپسىلىي سوراش ئارقىلىق 44 ياشلىق ئابدۇلېتىپنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدى.

«توشقان باقمىچىلىقى كارخانىسى كەنتىمىزگە كەلگەندە، مەن بېرىپ توكچى بولدۇم، ھەر ئايلىق كىرىمىم 4500 يۈەنگە يەتتى، خوتۇنۇم ئۆيدە توشقان باقتى، ئۆتكەن يىلى 20 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدۇق.» ئۇ ئۆزى بىلەن خوتۇنىغا يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىۋاپتۇ، يەنە بىر خاتىرە كومپيۇتېرمۇ سېتىۋاپتۇ، ئۆيىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىپتۇ. «ئىلگىرى پۇلىمىز يوق چاغدا پۇل يىغىشنى ئويلايتتۇق، ھازىر كىرىمىمىز مۇقىملاشتى، پۇل تېپىش يولى كۆپەيدى، ھەم پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىغان بولدۇق» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگەردى، تىرىشىشنى خالايدىغان بولدى، ئىستېمال قارىشىمۇ ئۆزگەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىللىك چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.