كەپتەر بېقىپ بېيىش يولىنى ئېچىش

日期:2021年02月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر دەي شۇخۇڭ خەۋىرى): بۇ بىر نەچچە كۈندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىدىكى دېھقان سالام ئەمەر ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ 2020-يىلىنىڭ بېشىدا «تاماشا كەپتىرى» ۋېيشىن توپىنىڭ ئىگىسى بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 100دىن ئارتۇق كەپتەر سېتىپ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئۇ توردا ئەڭ قىممەت بولغان بىر تاماشا كەپتىرىنى 5000 يۈەنگە ساتتى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر سالام ئەمەرنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ كەپتەر قەپىزىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

سالام ئەمەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا كەپتەر بېقىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن ھەقىقىي كەپتەر بېقىشنى كەسىپ قىلىپ ئىشلەشنى 2016-يىلىدىن باشلىغانىكەن.

«دەسلەپتە مەن گۆش كەپتىرى باققانىدىم، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدىم، لېكىن ھېچقانچە پۇل تاپالمىدىم» دېدى سالام ئەمەر، 2018-يىلى، ئۇ نەزەرىنى تاماشا كەپتىرىگە قاراتتى، ئەمما تاماشا كەپتىرىنىڭ بازار ئەھۋالىدا ھەش-پەش دېگۈچە ئۆزگىرىش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېقىش ئۇسۇلى گۆش كەپتىرىگە ئوخشىمىغاچقا، بىر يېرىم يىلغا يېقىن ئۇ ئىزچىل زىيان تارتتى.

ئۆيدىكى قان تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلنىڭ بىكارغا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالى ئاسىگۈل رېيىم ئۇنىڭ كەپتەر بېقىش ئىشلىرىنى توسىدى، لېكىن جاھىل سالام ئەمەر قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

خىزمەت ئەترىتى يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىكى كەسپىي خادىملارنى تېپىپ كېلىپ، سالام ئەمەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ تاماشا كەپتىرى بېقىش تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرىشىگە ياردەم بەردى.

ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدا، سالام ئەمەر تەدرىجىي ھالدا شايار ناھىيەسىنىڭ تاماشا كەپتىرى كەسپىدە خېلى نامى بار باقمىچىلىق ئۇستىسى ۋە باھالاش كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى.

«سىز <دوستلار چەمبىرىكى> ڭىزنى كېڭەيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەپتەرداشلار توپىنى قۇرۇپ، توپ باشلىقى بولۇشىڭىز كېرەك» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئەيسا ھەسەننىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە بەرگەن تەكلىپى، سالام ئەمەرنىڭ سېتىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى.

ئەيسا ھەسەننىڭ ياردىمىدە كەپتەرداشلار توپى قۇرۇلدى.

ھازىر، تور سۇپىسى ئارقىلىق سالام ئەمەردىن تاماشا كەپتىرى سېتىۋالغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭمۇ كەپتەر بېقىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش پىلانى ۋە ئويى بار بولدى، لېكىن تەرەققىيات مەبلىغى يېتىشمەسلىكتەك قىيىن مەسىلىگە يولۇقتى. خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنى 15 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز ئۆزئارا ياردەملىشىش جىددىي ئىشلار ئوبوروت مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ كەپتەر نەسلىنى موللاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. سالام ئەمەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كەپتەر سېتىشتىن قىلغان كىرىمى مۆلچەرىدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئوبوروت مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

ھازىر سالام ئەمەر كەنتتىكى كەپتەر باقمىچىلىق باشلامچىسىغا ئايلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شايار كەپتىرىنىڭ نامىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇپ، كەپتەر ئارقىلىقكەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش يولى ئېچىپ بېرىمەن».