شىنجاڭ ئاتۇش: بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2021年01月28日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا قاراجول كەنتى چېگرادىكى چارۋىچىلىق كەنتىگە تەۋە بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەسىپ ئاساسى ئاجىز. كەنت ئاھالىسى تۇرخان ئىمىن بىر ئائىلە كىشىلىرى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئازغىنە كىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ئىككى يىلدا، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تەكلىپى بىلەن، يېڭى ماھارەت ئۆگىنىپ، ئائىلىسىگە كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى.

«ئەينى چاغدا تەربىيەلەشكە قاتناشقىنىم ھەقىقەتەن توغرا بولدى، ھازىر كەنت ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيى ۋە كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. تامچىلىق ھۈنىرىم بار، كىرىم بولماسلىقتىن غەم قىلمايمەن» دېدى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇرخان.

كەنت ئاھالىلىرىگە بىرەر ماھارەت ئىگىلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنىڭ بىرلا خىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بۇ بىر نەچچە يىلدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرخان ئۆگەنگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن تەربىيەلەش دەرسلىكلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئەمگەك كۈچى بايلىقىغا ئايلاندى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت پائال تەشكىللىگەن ئالاقىدار تەربىيەلەشلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ تاللىشىنى كۈچلۈك قوللاش بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ كەنتتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇنىڭدىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي ماھارەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىدۇ.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى