پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2021年01月24日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

■بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى يىل، بارلىق خىزمەتلەر ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

■پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

■پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشى، جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، «چىرىتىش»، «قورشاپ ئوۋلاش»قا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش باش رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

■كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئاممىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى «چىۋىنگە زەربە بېرىش» جەريانىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى «14 - بەش يىل» قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى يىل، بارلىق خىزمەتلەر ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بىرىنچى، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش جەريانىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا بوران - چاپقۇن يېتىپ كەلگەندە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نوپۇزىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئىككىنچى، «ئىككىنى قوغداش»نى زىچ چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىستىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى داۋاملىق تۈزەپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىدى. تۆتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ھالىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دىققەتنى سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى باشقۇرۇش، خىزمەتنى باشقۇرۇش، ئىستىلنى باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈپ، ئۇرۇش سېپىدە مۇنەۋۋەر ئاكتىپلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيەگە كىرگۈزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن رازى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، چىرىكلىكتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بۇ ئەڭ زور خەۋپ - خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، ساقلانما مىقدارى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئېشىش مىقدارى يەنىلا يۈزبېرىۋاتىدۇ. سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى. ئەنئەنىۋى چىرىكلىك بىلەن يېڭى تىپتىكى چىرىكلىك گىرەلىشىپ، خىيانەت قىلىش، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە مۇرەككەپ بولدى. چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن ناتوغرا ئىستىل گىرەلىشىپ، «تۆت خاھىش» چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەگە ئايلاندى. چىرىتىش ۋە چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سەللا بوشىشىپ قالساق، ئەجرىمىز يوققا چىقىشى مۇمكىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا تاللاش يوق، جەزمەن قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشى، جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، «چىرىتىش»، «قورشاپ ئوۋلاش»قا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش باش رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشكە، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇز تۇرغاندا، كىچىك ئىشلاردا، باشتىمۇ، ئاخىرىدىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان زېرەك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، جازا بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قۇتقۇزۇش، تەربىيە بېرىپ سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى سىجىل چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىچكى جەھەتتىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى قاراتمىلىق ھالدا تولۇقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئائىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاك باشقۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىدىن دوكلات بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى جەھەتتىكى تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە ئېلىپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل، ناچار ئىللەتلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قايتا - قايتا زەربە بېرىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قىلچە مۇرەسسە قىلماي، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، تۈزەپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئاممىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى «چىۋىنگە زەربە بېرىش» جەريانىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي قانۇن سېپىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا يەنە زىيانكەشلىك قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، نامراتلارنى يۆلەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل تۈزىتىپ، تۈزەپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى «14 - بەش يىل» قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. نازارەتچىلىكنى پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ، تولۇق قاپلىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، شۇجى بىرىنچى جاۋابكار بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ ھەقىقىي باشقۇرۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلارنى كۆزلىشى كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرخىل نازارەتچىلىكنى، ماسلاشتۇرۇپ، تۇتاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نازارەتچىلىكنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى نازارەتچىلىككە قاتناشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىشنى قەلبكە پۈكۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەڭ قاتتىق چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، تۈزۈم قەپىزىنى پۇختا، چىڭ توقۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلەشكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، مۇھىم، زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ بايان قىلىندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مىزان. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش باش رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.