شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سچۋابنىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئالاھىدە سۆز قىلىدۇ.